ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 445-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مە XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXX65292819 ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX يولى XX-نۇمۇر XX رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ماسسا، 2016-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن شەندوڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2017-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2020-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مە XX نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار مە XX كە جىنايەت ۋە جازانى تونىغاندىن كېيىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكار بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 10-ئايدىن 2020-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا جاۋاپكار مە XX پايدا تېپىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ تونۇشى يۈ XX ، مە XX ، ھە XX قاتارلىقلاردىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەمئى 2300 قۇتا دىفىن (复方地芬诺脂片) نى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 74.57 يۈەندىن جەمئى 171500 يۈەنگە سېتىۋىلىپ، ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر بىر قۇتا دىفىننىڭ باھاسىنى 183.17 يۈەندىن ئې XX غا 120 قۇتا دىفىن، ئا XX غا 350 قۇتا دىفىن، ئە XX كە 106 قۇتا، پە XX غا 200 قۇتا دىفىن، يۈ XX كە 25 قۇتا دىفىن، ئا XX غا 20 قۇتا دىفىن، ئا XX غا 31 قۇتا دىفىن، ئا XX غا 50 قۇتا دىفىن، ئە XX گە 60 قۇتا دىفىن ساتقان. جاۋاپكار مە XX تونۇشى مە XX (تەنقىد تەربىيە بىرىلگەن) ئارقىلىق ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر بىر قۇتا دىفىننىڭ باھاسىنى 183.17 يۈەندىن يۈ XX غا 45 قۇتا دىفىن، ئې XX گە 50 قۇتا دىفىن، ئە XX گە 67 قۇتا دىفىن، ئې XX غا 80 قۇتا دىفىن، ئا XX گە 50 قۇتا دىفىن، غې XX كە 20 قۇتا دىفىن، ئې XX غا 50 قۇتا دىفىن، پە XX غا 50 قۇتا دىفىن، ئا XX غا 10 قۇتا دىفىن ساتقان. جاۋاپكار مە XX تونۇشى ئە XX ئارقىلىق ئى XX غا 30 قۇتا دىفىن، ئە XX كە 15 قۇتا دىفىن، ئە XX كە 15 قۇتا دىفىن ساتقان.
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تەھقىقلىگۈچىلەر جاۋاپكار مە XX نىڭ ئاق رەڭلىك 新N XXXX نۇمۇرلۇق مازىدا ماركىلىق ماشىنىسىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا 135 قۇتا دىفىن (复方地芬诺脂片) نى ئاختۇرۇپ تاپقان.
جاۋاپكار مە XX ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەمئى 2300 قۇتا دىفىن (复方地芬诺脂片) نى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 74.57 يۈەندىن جەمئى 171500 يۈەنگە سېتىۋىلىپ، ھەر بىر قۇتىسىنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 183.17 يۈەندىن باشقىلارغا 1444 قۇتا دىفىننى جەمئىي 264500 يۈەنگە سېتىپ، 156827.83 يۈەن پايدا ئالغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1›يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاش پىكىرى 5› ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 6› ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار مە XX نىڭ دۆلەت بەلگىلىمىىسگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردا مەخسۇس تىجارەت، مونوپول تىجارەت قىلىش بەلگىلەنگەن نەرسە ياكى ئېلىپ-سېتىشتا چەك قۇيىلىدىغان باشقا نەرسە تىجارىتىنى ئىجازەتسىز قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 225-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جاۋابكار مە XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا
دىلشات مۇتەللىپ
2020-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىككى توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى؛
2› جاۋاپكار مە XX ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە؛
4› ئوپتىك دىسكا 5 دانە (ماس قەدەملىك سوراق خاتىرسى، دىلو ماتىريالى)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论