شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇنەس ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
新源检一部刑诉〔2020〕147号
1. جاۋاپكار بەXX ، ئەر، ئۇيغۇر، XX19 - يىللى -X ئاينىڭ -X كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65412119XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى XXناھىيەسى XX بازىرى XX كەنىتى XXكوچا -XX نومۇر ، كەسپى دېھىقان، 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۇنى كۇنەس ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى تەرەپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختېتىلغان، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر كۈنەس ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
2. جاۋاپكار بەخ ، XX ئەر، ئۇيغۇرXX ،19 - يىلىX - ئاينىڭ -X كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى65412419XXXXXXXXX : ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيەسى XX فىرما XX يولى-XX كوچا -XX نومۇر، ،كەسپى: دېھقان، 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كۇنەس ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى تەرپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلشى جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختېتىلىغان،2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر كۈنەس ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
3. جاۋاپكار ئە ،XXئەر، ئۇيغۇر، XX 19 - يىلى -X ئاينىڭ -XX كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65412419XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنىXXناھىيەسى XX بازىرى XXيولى- XX كوچا -XX نومۇر، كەسپى دېھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان، 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كۇنەس ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى تەرپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلشى جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىلىپ، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ھازىر كۈنەس ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
كۇنەس ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2020)66 -ءنومىرلى ئەيىپلەشكە يوللاش پىكىرى بىلەن جاۋاپكار بە، XXبەخ ، XX ئەXX قاتارلىقلارنىڭ قانۇنسىز تېجارەت قىلىش جىنايىتى دېلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ، مەھكىمىمىز 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى 3 تۇپلام دېلو ماتېرىيالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دېلو ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، جىنايەت گۇماندارلاردىن سوراق ئېلىپ ئۇنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە دېلونىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغانلىقتىن، 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى دېلونى بىر قېتىم كۇنەس ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىگە تولۇقلاپ تەھىققىلەشكە قايتۇرۇپ، تولۇقلاپ تەھقىقلەنگەندىن كېيىن، جاۋاپكارنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن ئىقرار قىلىشنىڭ قانۇنى نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلېشتۇرۇپ تەكشۈرۇش ئارقىلىق دېلونى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
جىنايەت گۇماندارى بە XX 2020 -يىلى 1-ئاينىڭ -17 كۈنى XX ناھيىسىدىكى بەخ XX كە تېلىفۇن قىلىپ XX ناھىيە XX يېزادىكى ئېتىزلىقنىڭ ينىدىكى كونا ئۆيدە ئاقسۇغا ئاپىردىغان موخېركا بار، ماشىناڭ بىلەن ئاقسۇغا ئاپىرىپ بەرسەڭ، موخېركانى كېپەك بىلەن يوشۇرۇپ تۆپىسىگە كېپەك باسىساڭ، كىراسىغا 10000 يۈەن بېرىمەن، سەن كەلگۇچە مەن ئاقسۇدىن خېرىدار تېپىپ تۇرىمەن، ماشنىغا موخېركا بېسىپ بېرىدىغان ئادەملەرنى سۆزلىشىپ قويدۇم دەپ كېلىشكەندىن كېيىن، بە ،XXبەخXXگە كېپەك ئالىدىغان پۇل يوق دېگەندە، بەXX ئاXX دېگەن ئادەم ئارقىلىق بەخXXنىڭ ئۇندىدارىغا 9000 يۋن يۆتكەپ بەرگەندىن كېيىن، بەخ XX ئۆزى بىلەن بىللە ماشينا ھەيدەيدىغان ئەXX كە ئاقسۇغا موخېركا ئاپىرىپ كېلىمىز دېگەندە ئە XXماقۇل دەپ، بەخXX بىلەن ئە XX ئىككىسى بەخ XX نىڭ 新R27753 نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك يۇك ماشنىسىغا XX ناھىيىسىدىكى ماي زاۆودتىن 100 خالتا كېپەك بېسىپ ماشىننى ھەيدەپ XX ناھىيە XXيېىزىسىدىكى بەXX نىڭ موخېركا يوشۇرۇپ قويغان ئۆيگە بېرىپ،5740 كېلوگىرام موخېركانى سوممىسى 261910.46 يۋەنلىك، بەXX ئۆزى موخېركا باسقان ئورۇنغا بارماي، شۇ يەردە يۈك باسىدىغان ئادەملەرگە پۇل بېرىپ، موخېركانى ئاستىغا كېپبەك بىلەن يوشۇرۇپ باستۇرغاندىن كېيىن، كەچ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بەخXX بىلەن ئە XX ءىككىسى XX ناھيسىگە قايتىپ كېلىپ ئۆيىگە قونۇپ، ئىككىسى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۇنى ماشنىغا باسقان موخېركانى ئاقسۇغا ئاپارماقچى بولۇپ يولغا چىقىپ، XX ناھىيە XX تەكشۈرۈش پونكىتىگە بارغاندا، شۇ يەردىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار ماشىننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ماشىنىغا باسقان موخېركا بارلىقىنى بايقاپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق دېلو پاش بولۇپ، جاۋاپكار بەخXX بىلەن ئە XX نەق مەيداندا تۇتۇلغان. بە XX بەخXX بىلەن ئالاقلىشالمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى سېزىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23- كۈنى XXناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
جاۋاپكارلار ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ھەمدە ئۆزى ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازا بىرىشكە قوشۇلدى.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلار:
1. ماددى ئىسپات؛
2. يازما ئىسپات؛
3. گۇھۋاچىلارنىڭ گۇھۋالىق سۆزلىرى؛
4. جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. باھالاشنامە؛
6. ئىنىقلاش تەكشۇرۇش ماتىرىياللىرى؛
7. جاۋاپكارلارنىڭ دېلو سادىر قىلىپ ئۆزلىرنىڭ جىنايىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن ئىقرار قىلىش ماتىرىياللىرى،
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار جاۋاپكار بە، XXبەخ ، XX ئەXX لارنىڭ قانۇنسىز 5740 كېلوگىرام موخېركانى ماشىنىغا بېسىپ ئاقسۇغا ئاپىرىپ ساتماقچى بولغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 225 - 23 - 25 - ماددا بەلگىلىمىسگە خىلاپ بولۇپ، قانۇنسىز تېجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت گۇماندارىنىڭ قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى يامان، ئاقىۋىتى ئىغىر. جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار جاۋاپكار بە، XXبەخ ، XX ئەXX لارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتقا باشقىچە پىكىرى يوق، ھەمدە ئۆز ئخىتىيارلىقى بىلەن جىنايىتى ئىقرار قىلىدۇ، يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بىرىشنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن. جاۋاپكار بە XX ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقتىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»67 - ماددا بەلگىلىمىسنى قوشۇپ جازا قوللۇنۇشقا ، «جوڭخۋا خەلق جۇمھىريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىدۇق.
ھورمەت بىلەن:
كۇنەس ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
پروكۋرور: ناغىم
2020- يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار جاۋاپكار بە، XXبەخ ، XX ئەXX قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان، ھازىر قاماقخانىدا قاماقتا.
2. تۆت توم دېلو بىلەن 19 نۇسخا ئەيىبنامە بىرگە يوللاندى.
3. يالتىراق دىسكا 4دانە بىرگە يوللاندى.
4. كۇنەس ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپدىن تۇتۇپ قېلىنغان قىزىل رەڭلىك يۇك ماشىنا، 5740 كېلوگىرام مۇخوركا، ھازىر كۇنەس ناھىيىلىك جامەئەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدا ساقلاشتا.
5. 3 دانا يانفون دېلو بىلەن بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论