欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

斯某某危险驾驶案、起诉书(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 846-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛ xxxxxxxx65292419،تۇلۇقسىز  مەكتەپ  مەدەنيەت  سەۋىيىسىگە  ئېگە،دىھقان،شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-گۇرۇپپىدا  ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى  جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە  بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكارئەxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019)604-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئەxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ ۋاختى سائەت 20:00 لەر ئەتىراپىدا ، شايار ناھىيە xx بازىرى ئىچىدىكى ھاراق دۇكىنىدا دوستى مەxx بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن دۇكاندىن چىقىپ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ 新Nxxxx نۇمۇرلۇق، ئىككى چاقلىق موتوسىتكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىگە كېتىش ئۈچۈن مېڭىپ، بېيجىڭ ۋاختى سائەت 22:30 لار ئەتىراپىدا، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-گۇرۇپپا تەۋەسىدىكى يولدا ،غەرىپتىن شەرىققە قاراپ كېتىۋېتىپ xx كەنىت xx زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە پىيادا كېتىۋاتقان قاxxنى سۇقۇۋەتكەندىن كىيىن قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.

تەكشۇرۇش ئارقىلىق  جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 249مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق ،نەق مەيدان سورىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوقھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغاقايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ(2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە،جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچەمەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ،جاۋابكار ئەxxنىڭ  4ئاي 20  كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 9300 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: xxxxx

مۇۋەققەت تەپتىش: xxxx

2020-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى،بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (101بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار  ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top