ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت ج ئە چىقىش (2019) 80–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار بە**، ئەر، ئويغۇر، 1994-يىلى** -ئاينىڭ **-كۈنى ** شەھىرى ** يېزىسىدا توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ****** 653121199407 تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى ** يېزىسى بايلا كەنىت **-گۇرۇپپا **-نومۇر، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ** يولى ** ئاھالىلىكلەر قوروسى**-بىنا **-ئىشىك **-نومۇرلۇق ئۆيىدە. 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسى تىيانشان شەرقىي شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، شۇ ئاينىڭ 19-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسى تىيانشان شەرقىي شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار بە** نىڭ ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 1–ئاينىڭ 21-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2018-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، جاۋاپكار بە** ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى ** گۈللىكى 54-بىنا 1-ئىشىك 601-ئۆيدە، ماۋىيدىن (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) 800 يۈەنگە ئىككى دانە شاتۇتنى سېتىۋالغان ھەمدە تۇنۇشى ئە**نىڭ (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ھاۋالىسى بىلەن ئە** ما**دىن سېتىۋالغان ئىككى دانە شاتۇتنى بىللە ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى جاۋاپكار بە** ئۆزى سېتىۋالغان ۋە ئە**نىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن 4 دانە شاتۇتنى قەشقەر قاغىلىقتىكى ئا** (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) جەمئى 2200يۈەنگە سېتىپ بىرىشكە پۈتۈشۈپ، ئۈندىدار ئارقىلىق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، يۇقارقى 4 دانە شاتۇتنى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى ** يولۇچىلار توشۇش بىكىتىدىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس ئارقىلىق قەشقەر قاغىلىقتىكى ئا** ئەۋەتمەكچى بولغاندا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ۋە جاۋابكار باشقىلارغا ساتقان 4 دانە شاتۇت قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان.
شىنجاڭ ** يېزا- ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى، تۇتۇپ قېلىنغان 4 دانە شاتۇتقا قارىتا قانۇن بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ تۆت دانە شاتۇتنىڭ يىشىل قوۋۇز كۇنۇس قۇيرۇقلۇق شاتۇت ئىكەنلىكى، 1981-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگودا رەسمى كۈچكە ئىگە بولغان «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»نىڭ 2-ئىلاۋىسىگە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋان بولۇپ، ئومومى قىممىتىنىڭ 20 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى باھالاپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار بە** نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى، ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش ئۇچۇر خاتىرىسى؛
2. گۇۋاھچى ما**، ئە**، ئا** ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار بە** تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. شىنجاڭ * يېزا- ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسى؛
5. تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى ؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى تۇتۇپ قېلىش خاتىرىسى ۋە تىزىملىكى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار بە** نىڭ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 341–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئابدۇراخمان
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
2019–يىلى 3–ئاينىڭ 6–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار بە** ھازىر كېپىلدە.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论