شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 714-نومۇرلۇق
جاۋابكار تXX،ئەر، ئۇيغۇر، - 19XXيىلى – XXئاينىڭ- XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛ 65292419XXXXXXXXXX،باشلانغۇچ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان ،ماسسا، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت –Xگۇرۇپپا - Xنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن -2020يىلى -07ئاينىڭ30-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ -2020يىلى -9ئاينىڭ29 -كۈنى شايار ج خ چىقىش -773(2020) نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار تXX - XXيىلى- Xئاينىڭ -XXكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19:30 لەر ئەتىراپىدا XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت- Xگۇرۇپپىدىكى ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ ،ئۆزىنىڭ 新NT18XX نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتوسىتكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، XX ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن ،شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:50 لار ئەتىراپىدا XX ناھىيە بازىرىغا كېلىپ XX ناھىيە بازىرى XX يولىدا كېتىۋېتىپ ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە كېتىۋاتقان ئەXX ھەيدەپ ماڭغان 新N554XX نۇمۇرلۇق بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنىسىنى يانداپ ئۈتۈش جەريانىدا سۈركەلمە ھالەتتە سۇقۇشۇپ كېتىپ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار تXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 180 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارتXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددا -1مەزمۇن -1تارمىقىنىڭ -(2)تارماقچىسى، -67ماددا -3تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -15، -176، -222ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكارتوختى ياسىننىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكارتXXغا 3 ئاي 10 كۇن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە6600 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:رXX
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (72بەت) بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار كېىپىلدە،
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论