欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

开某某危险驾驶案起诉书

2021-09-24 尘埃 评论0

  

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ك،ت،1-بۆلۈم ج،ئە(2021) 11-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار xxxx،ئەر،ئۇيغۇر،1990-يىلى09-ئاينىڭ09-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292919900909xxxx ،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى xx كەنىت 5-گورۇپپا 3-نۇمۇرلۇق ئۆي،كەنىت كادىرى،مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2021-يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى2-ئاينىڭ4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار   -2021 يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەلپىن ناھىيسى سۇبېشى يولىدىكى ئاكاسسىيە ئاشخانىسىدا دوسلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ، سائەت 01:23 مىنۇتلار ئۆتكەندە،مەسىت ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新N 1252Wنۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلىغا دوستى xx تىلىۋالدى،xx قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ھەيدەپ،كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزىسى 2-نۇمۇرلۇق يولنى بويلاپ يول يۈرۈپ،تومېرىق كەنىت يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ،تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلماي ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن قېچىپ كىتىپ،يۈرچى يېزىسى 3-نۇمۇرلۇق يولنىڭ 15-نۇمۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نوقتىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە قولغا چۈشكەن.ھەمدە ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى باشقىلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان.دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ  213.92 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4.باھالاشنامە 5.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

 يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكارقxxنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار xxنىڭ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ،جاۋاپكار تەھقىقلىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ماشلاشماي قېچىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى باشقىلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ،قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىرلىتىپ جازالاش ئەھۋالىنى سادىر قىلغان،جاۋاپكارغا 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قويۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 تەپتىش:ھاۋاگۇل ھەسەن

2021يىلى02-ئاينىڭ5-كۈنى

  قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى

 2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top