欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

库某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت، 1-بۈلۈم ج،ئە، (2020) 160 –نۇمۇرلۇق

 ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

 جاۋاپكار ق XX ، ئەر ، ئۇيغۇر،19XX-يىلىXX-ئاينىڭXX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXXX 652928،نۇپۇستىكى ئادىرسى شىنجاڭ ئاۋات ناھىيسىXXX يۇلى X-نۇمۇرXX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىناXX-كورۇپۇسX-ئۆي ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى ئاۋات ناھيسى XX بازىرى XXكەنت X-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان ، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن،2020-يىلى2-ئاينىڭ28-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ق XXنىڭ ئوغۇرلۇق  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ 2020-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنى قايتا يوللىغاندىن كېيىن، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ۋە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار  جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1› جاۋاپكار ق XX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۇنى سائەت 17:30لەر ئەتراپدا ئۈزى يالغۇز X بازىرى X-گۇرۇپقا جايلاشقان X سودا دۇكانىغا ھاراق ئىچكىلى كىرىپ سودا دۇكىنىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان «XX» سودا دۇكىنىڭ ئىشكى ئۇچۇق، دۇكاننىڭ ئىگىسى لى Xنىڭ سىرتتا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقنى كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ، «XX» سودا دۇكىنىغا كىرىپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويۇلغان بىر كىچىك قەلەي قاپقا سىلىپ قۇيغان 50يۇئەنلىك پۇلنى، ھەم ئۇستەل ئۇستىگە قۇيۇپ قۇيغان 10يۈەنلىك ،5يۇەنلىك، بىر يۇەنلىك 5مولۇق بۇلۇپ سانى ئىنىق بۇلمىغان پۇلنى دۇكاندىن ئىلىپ چىقىپ كەتكەن ، ھەمدە بۇ ئۇغۇرلىغان پۇلنى بىشرىق بازىرى X كەنت X-گۇرۇپتىكى ئۆيگە كىرىپ سانىغاندا 2800 يۈەن چىققان ، جاۋاپكار ق XX بۇ ئۇغۇرلىغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

2› جاۋاپكار ق XX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ سائەت 12دە ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە بېشرىق بازىرى «X»نىڭ قارشى تەرىپىدىكى يولنىڭ ياقىسىغا پXX توختۇتۇپ قويغان كۆك رەڭلىك 新N91**** نۇمۇرلۇق ماشنىسىنىڭ ئىچىگە  قۇيۇپ قويغان 1000يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ بۇ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

3› جاۋاپكار ق XX 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12لەر ئەتراپىدا بېشرىق بازىرى X كەنت X-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق تۇنۇشى ھXنى ئىزدەپ بارغان، ئۇلار ئىككىىسى بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھXباشقا ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇسەتتىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ھXنىڭ ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى ھXنىڭ كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن 300يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئۆيدىن چىقىپ 80يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن، جاۋاپكار ق XX تۇتۇلغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ھXنىڭ 220يۈەن پۇلى ئەسلىگە كېلىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان. 

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4،باھالاش پىكرى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار ق XXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا1-تۈر بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى

   قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،ئۈچ تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top