شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 130 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ق XX ، ئەر، ئۇيغۇر ، 38ياش ،كىملىك نومۇرى :XX652901 ،ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە سەۋىيىسىگە ئىگە،ئاقسۇ شەھەر X يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ توختاملىق كادىرى ،يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى ، ئاقسۇ شەھىرى X يېزا X-كەنىت X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 6-كۈنى(2019) 1323-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23:00ئەتراپىدا جاۋاپكار قXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 3:45لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىتكە توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھالەتتە ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر S208 -نۇمۇرلۇق تاشيولنىڭ 24كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ساقچىلىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ق XXنىڭ100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 172.27مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار قXXىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكار قXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار قXXقا 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 8000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار قXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XX 156
2>8نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论