ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020)411–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار پX، ئايال، ئۇيغۇر، 19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65290119XXXXXXXXXX، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ X شەھرى X يولى X-نۇمۇر X-بىنا X-كورپۇس X-نۇمۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، XX دوختۇرخانىسىنىڭ پىنسىيونىرى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار پXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزگە يوللىغاندىن كىيىن مەھكىمىمىز تەپتىش خادىملىرى بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2017-يىلى 11-ئايدا جاۋاپكار پX ئاۋات ناھىيسىگە كېلىپ تاماق يېيىش جەريانىدا رX بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ئالاقىلىشىپ يۈرگەن، 2018-يىلى 6-ئايلاردا ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى مX قېينى ئاغىسى يXغا پۇل خەجلەپ ئوغلى دXنى تەربىيلەش مەكتەپتىن ئېلىپ چىقىش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى دىگەن، يX بۇ گەپنى ئوغلى رXقا دىگەندىن كىيىن، رX جاۋاپكار پXغا تىلغۇن قىلىپ مXنىڭ پۇل خەجلەپ ئوغلى دXنى تەربىيلەش مەكتىپىدىن ئېلىپ چىقىش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى دىگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى مX،يX،ئاX،رX قاتارلىقلار ئاقسۇغا بېرىپ جاۋاپكار پX بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۈزىنىڭ پۇل خەجلەپ ئوغلى دXنى تەربىيلەش مەكتىپىدىن ئېلىپ چىقىش ئويىنى دىگەندىن كىيىن، جاۋاپكار پX مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن كۈرۈشۈپ،مXنىڭ ئوغلى دXنى تەربىيلەش مەكتىپىدىن ئېلىپ چىقىپ قۇيىدىغانلىقىنى دەپ 2018-يىلى 5-ئايدىن 2018-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى مXنىڭ 131 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. مX بالىسىنىڭ ئىشىن ھەل بولمىغاندىن كيىن جاۋاپكار پXدىن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى دەپ كۆپ قېتىم سۈيلىگەندىن كىيىن جاۋاپكار پX 2019-يىلى 3-ئايدىن 2019-يىلى5-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى مXغا 75مىڭ(يەتمىش بەش مىڭ)يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.
2018-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى زىيانلانغۇچى قX ئاغىينىسى رX بىلەن بىرگە ئاقسۇغا بېرىپ جاۋاپكار پX بىلەن بىرگە تاماق يىگەن، تاماق يەپ بۇلۇپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى قX پXغا «نەۋرە ئاكام تXنى ساقچىخانىدىن يۇلىنى مېڭىپ ئېچىققىلى بۇلارمۇ» دىگەن، جاۋاپكار پX «مەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىپ ئەتە سىزگە خەۋىرىنى بىرەي» دەپ، ئەتسى كەچقۇرۇن جاۋاپكار پX زىيانلانغۇچى قXكە تىلفۇن قىلىپ «ئامالى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ، ماڭا دەرھال 20 مىڭ يۈەن پۇل ئۇرىۋىتىڭ» دىگەن، زىيانلانغۇچى قX ماقۇل بۇلۇپ جاۋاپكار پXنىڭ بانكا كارتىسىغا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىمدا 20 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەن،ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تX تەكشۈرۈلۈپ مەسلە بايقالمىغاندىن كىيىن قۇيۇپ بېرىلگەن، زىيانلانغۇچى قX جاۋاپكار پXدىن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، جاۋاپكار پX پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا زىيانلانغۇچى نXنىڭ قېيىنئانىسى ئاXنى تەكشۈرىۋاتقان مەزگىلدە، زىيانلانغۇچى نX جاۋاپكار پXغا تىلفۇن قىلىپ قېيىنئانىسىنى قەيەردىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى دىگەن، جاۋاپكار پX نXنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ ئىشىنى باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ھەل قىلىپ بېرىمەن دېگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى نX ماقۇل بۇلۇپ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخرىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋاپكار پXغا جەمئىي 20 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەن.
2019-يىلى 5-ئايدا زىيانلانغۇچى ماX رXقا ئاكىسى مXنى تۈرمىدىن پۇل خەجلەپ ئېلىپ چىقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، رXنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشىنى دىگەن، رX ماقۇل بۇلۇپ بۇ گەپنى جاۋاپكار پXغا دەپ ماXنىڭ ئىشىقا ياردەم قىلىشىنى دىگەن، جاۋاپكار پX ماقۇل بولۇپ زىيانلانغۇچى ماXنىڭ ئاكىسىنى تۈرمىدىن ئەچىقىپ قويىمەن دەپ 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ماXنىڭ 200 مىڭ يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيانلانغۇچى ماX ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ جاۋاپكار پXدىن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى كۆپ قېتىم دىگەن بولسىمۇ، جاۋاپكار پX ھازىرغىچە پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
2018-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا زىيانلانغۇچى ئاX يولدىشى ئېXنىڭ نەۋرە ئىنىسى دXتىن رXنىڭ ئاقسۇدا بىر پX ئىسىملىك تۇنۇشىنىڭ يولى بارلىقىنى ئاڭلاپ، يولدىشى ئېXنى ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىسىدىن ئېلىپ چىقىش مەقسىتىدە دX ئارقىلىق رX بىلەن تۇنۇشۇپ، رXقا يولدىشى ئېXنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىشقا ياردەم قىلىشنى دىگەن، رX جاۋاپكار پXغا ئەھۋالنى دېگەندىن كىيىن جاۋاپكار پX ئېXنى قاماقخانىدىن ئەچىقىپ قويۇشقا ياردەم قىلىشقا قوشۇلغان، زىيانلانغۇچى ئاX رXقا ئۆزىنى جاۋاپكار پX بىلەن كۈرۈشتۈرۈپ قۇيۇشنى دىگەن، رX ماقۇل بۇلۇپ زىيانلانغۇچى ئاXنى ئاقسۇغا باشلاپ بېرىپ جاۋاپكار پX بىلەن كۈرۈشتۈرگەن، زىيانلانغۇچى ئاX جاۋاپكار پXغا يولدىشى ئېXنى يول مېڭىپ قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ قويۇشنى دېگەندىن كىيىن جاۋاپكار پX ماقۇل بولۇپ زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ يولدىشى ئېXنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ قويىمەن دەپ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ 181 مىڭ يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 2019-يىلى 9-ئايلاردا زىيانلانغۇچى ئاX جاۋاپكار پXدىن پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكار پX 22 مىڭ يۈەننى ئاXقا قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، جاۋاپكار پX ئىلگىرى كىيىن بولۇپ باشقىلارنىڭ 552 مىڭ يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 97 مىڭ يۈەن پۇلنى دىلو تۇرغۇزۇلۇشتىن بۇرۇن زىيانلانغۇچىغا قايتۇرغان، قالغان 455 مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3> گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 4> جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5> ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋاپكار پXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋاپكار ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق
2. 8 پارچە ئەيىپنامە، 5 توپلام رازۋىدكا دىلوسى
3. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تېلخېتى
4. ئوپتىك دېسكا (6 دانە)
5. قاماش رەسمىيىتىنى ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论