欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

帕某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 133- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار پە**،ئەر،ئۇيغۇر،1993-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6528231993******،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:يوق،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:لوپنۇر ناھىيە** يېزىسى** كەنتى ** يولى **- نومۇر، 2019- يىلى 4-ئاينىڭ4-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ ، شۇ ئاينىڭ 12- كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار پە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2019- يىلى12- ئاينىڭ- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار پە** مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

جاۋاپكار پە**2019-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت23دىن00مىنۇت ئەتراپىدا لوپنۇر ناھىيە** بازىرى** كەنتى**مۇزىكىلىق كولىبىدا ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新M**نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ،لوپنۇر ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **يول بۆلىكىدە يول ياقىسىدىكى توساق بىلەن كۈزۈتۈش ئەسلىھەلىرىنى سوقۇپ قاتناش ھادىسى سادىرقىلغاندىن كېيىن،لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ** يولى خەلىققە قولئايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەقمەيداندا تۇتۇلغان، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 2125– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ،جاۋاپكار پە**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە179 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار پە**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .

مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . شۇڭا جاۋابكار پە**غا 3 ئايدىن تۆۋەن 2 ئايدىن يۇقۇرى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : تۇرسۇن راخمان

 2019-يىلى12- ئاينىڭ 19 - كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top