欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

帕某某危险驾驶案起诉书

2021-09-25 尘埃 评论0

 كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                           ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)24-نۇمۇرلۇق         جاۋابكار ****،ئەر،ئۇيغۇر،1984-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919841015،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى ****-نۇمۇر **** ئولتۇراق رايۇنى 12-نۇمۇرلۇق بىنا 3-كورپۇس402-نۇمۇرلۇق ئۆي،**** نىڭ ئىشچىسى،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى1-ئاينىڭ24-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.

   كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020 -يىلى4-ئاينىڭ29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار  **** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنى سائەت22:00دىن8-كۈنى سائەت 3:00كىچە دوستلىرى****ئابدىرىشىت،**** يۇسۇپ،سالام قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ****يۇسۇپنىڭ**** كەنتى 3-گۇرۇپپىدىكى ئۈيىدە ئاق ھاراق ئىچىپ،سائەت 3:00ئەتىراپىدا سورۇندىن تاراپ،ئۈزىنىڭ**** 新NC9نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتۇمبىلىنى ھەيدەپ،كەلپىن بازىرى ئۈرۈكزارلىق ئولتۇراق رايۇنى دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ توختىغان.قاتناش ساقچىلىرى دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ،****نىڭ ھاراق ئىچكىنىنى بايقاپ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 297.64مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

 1.يازما ئىسپات2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3.باھالاشنامە 4.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

  يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ****نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار ****نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتۇمبىل ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133 -ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋابكارغا 5ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قۇشۇمچە10مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

باش تەپتىش:ئابلىكىم ئايۇپ

2020-يىلى5-ئاينىڭ4-كۈنى

  قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 2.جاۋابكار ھازىر  ئىش ئورنىدا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top