شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 2- بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)535-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار بxx، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسنىڭ نۇمۇرى: xxxxxxxx 6529011991، ئادىرىسى: xx شەھەر xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى زەھەر سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار بxx 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈندىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە زxx ( ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) كە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 14 قېتىم ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋ ئارقىلىق پۇل يوللاپ بېرىپ، زxxنىڭ ئاقسۇ شەھەرxx يۇلىغا جايلاشقان xx مەكتىپىنىڭ ئائىلىلىكەر قورۇسى ئىچىدىكى ئۆيىدە زxxتىن 3200 يۈەنلىك نەشە سېتىۋېلىپ سىرتقا چىقىپ مxxغا ئۆز باھاسىدا بەرگەن، جاۋاپكار بxx زxxتىن 11100 يۈەنلىك مۇزسىمان زەھەر سېتۋېلىپ سىرتقا چىقىپ مxxغا ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋ ئارقىلىق 13700 يۈەنلىك مۇزسىمان زەھەر سېتىپ ئارىدىن 2600 يۈەن پايدا ئالغان ( زەھەرنىڭ ئۇمۇمى ئېغىرلىقى 3.5 گىرام).
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار بxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347– ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ زەھەر سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار بxx بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىپ بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 6000 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
ئېرپان ھامۇت
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论