欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

尔某某危险驾驶案

2021-09-22 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 104 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋاپكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش،كىملىك نۇمۇرى: XX652901 ،تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھەر XX كوچا X-نۇمۇر X-بىنا X-كورپۇس X-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،كادىر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 2– ئاينىڭ 14– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن،

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى10-ئاينىڭ 8-كۈنى(2019)1263 -نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

    2019- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 0 7:0 ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئېXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر X كۆۋرۈكتىكى X مەيدانىغا توختىتىپ قويغان  新N XX  نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھىرى  XX كۆۋرۈكتىكى يول ئېغىزىغا كەلگەندە  قىزىل چىراقتا ساقلاۋاتقان ماشىنىنىڭ كەينىگە سوقۇلۇپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان  ساقچىلار نەق مەيدانغا كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ،جاۋاپكار  ئې XX نى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ئېXX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 146 مىللىگىرام (mg/100ml146) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.

    ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكار ئې XXزىيانلانغۇچى تەرەپ بىلەن كېلىشىپ ئىقتىسادى تۆلىمىنى تۆلەپ  بەرگەن .   

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئېXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك.جاۋاپكار ئېXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋاپكار ئېXXغا 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ئاXX

                    تەپتىش:  جXX

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  11-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  ئېXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XX 139

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top