欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

夏某某、玉某某涉嫌贩卖毒品案起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،چ(2020) 12-نۇمۇرلۇق

    ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  جاۋاپكار يX،ئەر، ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 65292819XXXXXXXXXX، يۇرتى X ناھىيە،قامىلىشىتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى:X بازىرى X يولى X-نۇمۇر X-بىنا X-ئىشىك X-ئۆي ،ئالى تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە،ماسسا، ئەقلى- ھوشى ساق،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

 جاۋاپكار شX،ئايال،ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 65292819XXXXXXXXXX، يۇرتى X ناھىيە،قامىلىشىتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى:X بازىرى X يولى X يولى X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،باشلانغۇچ  مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە،ماسسا، ئەقلى- ھوشى ساق،ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە. 

   ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يX ،شXنىڭ  زەھەر سېتىش  جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇردى،ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتا يۇللىغاندىن كىيىن دىلونىڭ سۇرۇك مۇددىتىنى 15كۇن ئۇزارتىپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋاپكار يۇسۇپجان ئەخمەت، شX  بۇ دىلونى تىز ھۇكۇم كىسىم قىلىش تەرتىۋىنى قۇللۇنۇپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  جاۋاپكار يX2018-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇزىنىڭ ساغلاملىق بۇيۇملىرى سېتىش دۇكىنىدا ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىرى بلەن كەندىر مىيىدىن  230گىرام ئەتراپىدا مەجۇن(زەھەر) ياسىغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا يX جىددى پۇلغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن شXگە مەجۇن(زەھەر)نى سېتىپ چىقىپ بىرىشى دىگەن،شX ئۆزىدە نەق پۇل يوقلۇقىنى دىگەندىن كىيىن،يX ئاۋال مەجۇن(زەھەر)نى سېتىپ ئاندىن پۇلنى بىرىشنى دىگەن.شX قۇشۇلغاندىن كىيىن يX 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى X ناھىيە بازىرى X ئاشخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە 230 گىرام مەجۇن(زەھەر)نى شXگە 3مىڭ يۈەنگە سېتىپ بەرگەن،شX مەجۇن(زەھەر)نى ئالغاندىن كىيىن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە  3مىڭ يۈەن نەق پۇلنى X ئاشخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە يXكە بەرگەن.

  جاۋاپكار شX 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 200 يۈەنلىك ،2019-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 100 يۈەنلىك مەجۇن(زەھەر)نى ئاXغا سېتىپ بەرگەن. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋاپكار شX ئۇزىنىڭ X بازىرى دىل داۋا كۇندۇلۇك تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنىدا 25.02گىرام مەجۇن(زەھەر)نى ئاXغا 500يۇەنگە سېتىپ بىرىۋاتقاندا نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋاپكار شXنىڭ دىل داۋا كۇندۇلۇك تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا شX يXتىن سېتىۋىلىپ سېتىپ بۇلالمىغان 199.2گىرام مەجۇن(زەھەر) تېپىلغان.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ(2019) 80-نۇمۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا :يX شXگە سېتىپ بەرگەن مەجۇن تەكىۋىدە نەشە(زەھەر) تەركىۋىنىڭ بارلىغىنى باھالاپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›ماددى ئىسپات 2>يازما ئىسپات 3›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 4›جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى 5> باھالاش پىكىرى 6> ئېنىقلاش -تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،فۇتۇ-سۇرەت قاتارلىقلار بار. 

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ ئەيىپلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بىكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋاپكارلارنىڭ ئەيىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يۇق بۇلۇپ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى تۇللۇق ئىتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار يX،شXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددا 1-تارماق،4-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، زەھەر سېتىش  جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك،جاۋاپكار يX،شX تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋاپكارلارغا جازا ئولچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جاۋاپكار يXكە 1يىلىدىن 1يىل 6ئايغىچە رىجىم جازاسى،قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش، جاۋاپكار شXگە 8ئايدىن 1يىلىغىچە رىجىم جازاسى، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : ئەركىن ئېلى

2020-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى

قۇشۇمچە: 1›13 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋىتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكارلار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top