شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم
ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش(2019)283 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار تا**، ئايال،ئۇيغۇر،1989-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****** 6528231989،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى لوپنۇر ناھىيە ** يولى **-قۇرۇ**-بىنا**-ئىشىك **-ئۆي، ئالى مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى يوق، 2018-يىلى2-ئاينىڭ10-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇقۇسۇ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3يىللىق مۇدەتتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 4 يىل كىچىكتۈرۈلگەن، 2018-يىلى12-ئاينىڭ6-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولۇپ تۇغۇتلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللىككە بېرىلگەن .
لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار تا**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى8-ئاينىڭ -كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
جاۋاپكار تا** 2017-يىلى **-ئايدىن 2018-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقىتا زىيەنكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى جاڭ **نىڭ لوپنۇر ناھىيە ** ئولتۇراق رايونىدىكى **دورا دۇكىنىدا ئىشلىگەن بولۇپ ،2018-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ،زىيانلانغۇچى جاڭ ** ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ خىجىڭ ناھىيەسىگە بارىدىغانلىقىنى بىلەگەندىن كىيىن،شۇ كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى جاڭ ** دۇكانغا قويۇپ قويغان ئۆينىڭ زاپاس ئاچقۇچىنى يۇشۇرۇنچە ئىلىپ ئۈيىگە قايتىپ كەتكەن،2018-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى چۈش سائەت 1لەر بىلەن ئۆزى يالغۇز ئالدىن تەييار قىلىۋالغان،ئۆينىڭ ئاچقۇچى،سۇلىياۋ پەلەي قاتارلىقلارنى ئىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى جاڭ **نىڭ لوپنۇر ناھىيە **-ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆينى ئاچقۇچ بىلەن ئىچىپ كىرىپ ياتاق ئۆيدىكى گىرىم بۇيۇملىرى ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىن بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈكنى ئىلىپ سومكىسىغا سىلىپ، شۇ ياتاق ئۆيدىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپنى كۆرگەندىن كىيىن ئىشكاپنىڭ ، ئۈستەلنىڭ تارتىمىسىدىن ئىككى تال ئاچقۇچىنى ئېلىپ، بىخەتەرلىك ئىشكاپنى ئېچىپ ئىچىدىكى بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا،ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈك ( ئەرەنچە ، ئايالچە)،بىر دانە ئالتۇن زەنجىر،بىر دانە بولاپكا،بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە 13000يۇەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ، بىخەتەرلىك ئىشكاپنى ئەسلى ھالىتىدە تاقاپ ئۆيدىن چىقىپ ، پىيادە لوپنۇر ناھىيىلىك** ئارقىسىدىكى يولغا كەلگەندە ،بىر جۈپ سۇلىياۋ پەلەي،ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى يول ياقسىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ،ئوغۇرلاپ چىققان ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەردىن كىچىك ئالتۇن بىلەيزۈكنى ئۆزى ئىلىپ قىلىپ قالغانلىرىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا**ئالتۇن دۇكىنى،** ئالتۇن دۇكىنىغا جەمئى 5390 يۇەن نەق پۇلغا سىتىۋەتكەن . ئوغۇرلانغان ئالتۇنلارنىڭ ئومومى قىممىتى 14443 يۇەن.(بارلىق زىيان قايتۇرۇپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرىلدى).
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار تا**نىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ .
جاۋاپكار تا** مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ ، جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان، بۇ « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-،70-،77- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان .
2019- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى .
ئىزاھات : جاۋاپكار ئائىلىسىدە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论