欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

塔某某危险驾驶案

2021-09-26 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 127 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار   تXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 33ياش ،  كىملىك نومۇرى : XX 652901،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،شوپۇر، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى  ،  ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى X-قارار X-بىنا X-كورپۇس X-نۇمۇردا  ئولتۇرۇشلۇق ،   ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى(2019) 1257-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

   2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 23:30لەردە جاۋاپكار تXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر X يولىدىكى X رېستۇرانىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان 新NX  نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ  9-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 2دىن 11لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ   X-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەگىلىدىغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە  شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ  ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ   قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.   تەكشۈرۈش ئارقىلىق   جاۋاپكارتXXىڭ100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى  172.33مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكار تXXجىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار تXXغا 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 4000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

تەپتىش : ئاXX

                     تەپتىش :جXX

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  16-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  تXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XX139 

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top