欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

哈某某起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

ۈ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

xx ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020)183- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار قا xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx 652823، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپىي: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx -گۇرۇپ xx -نومۇرلۇق ئۆي، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار قا xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى12- ئاينىڭ 4- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. قادىر ھاشىم مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە ئېنىقلىشىچە:

2020-يىلى6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 11-12لار ئەتىراپىدا، جاۋاپكار قا xx ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا، 新M xx نومۇرلۇق xx نامىدىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ  مېڭىپ xx ناھىيە xx يېزايولىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغاندا، xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى xx يېزا ساخچىخانىسى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۇرۈلۈپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك ماددى بويۇملارنى لابراتويىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكرىدە، جاۋاپكار قا xx نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە127مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار قا xx نىڭ قاتناش– تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار قا xx غا 1 ئايدىن يۇقىرى2 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە4000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : xx

2020- يىلى 12- ئاينىڭ  6- كۈنى

ئىزاھات :

(1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2) « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

(3)دېلونىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى (دېسكا).

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top