شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى
xx ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020) 162–نومۇرلۇق
جاۋاپكار قاxxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652801 ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە كەسپى: دېھقان،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭxx شەھىرى xx چارۋىچىلىق مەيدانى xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق.2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى قورال –ياراقنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش ،يوشۇرۇن ساقلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ `بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە.
xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قاxxنىڭ قورال –ياراقنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش ،يوشۇرۇن ساقلاش دېلۇسىنى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ24-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
1997-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا،جاۋاپكار قاxx xx ناھىيە xx يىزا xx دەريا(يەر ئىسمى)دىكى ماxxنىڭ يايلىقىدا قوي بېقىش جەريانىدا،ماxxنىڭ يايلىقىدىكى قۇملۇقتىن بىر دانە يەرلىك مىلتىقنى تېپىۋالغاندىن كېيىن،بۇ مىلتىقنى ماxxنىڭ يايلىقىدىكى بىر يۇلغۇننىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇپ،بىر ئايلاردىن كېيىن جاۋاپكار قاxx قويلىرىنى ماxxنىڭ يايلىقىدىن ئۆزىنىڭ xx شەھىرى xx چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى يايلىقىغا كۆچۈرۈپ بارغاندا،تېپىۋالغان يەرلىك مىلتىقنى ئېلىپ xx شەھىرى xx چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى كارۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇپ،1997-يىلى 10-ئايدىن 1999-يىلى 8-ئايغىچە ئىلكىدە قانۇنسىز قورال ساقلىغاندىن كېيىن،1999-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە، تاغىسى رxx جاۋاپكار قاxxنىڭ ئۆيىگە بېلىق تۇتقىلى بارغاندا،رxxقا ئۆزىنىڭxx ناھىيەxx يىزا xx دەريادىكى ماxxنىڭ يايلىقىدا قوي بېقىش جەريانىدا بىر دانە يەرلىك قورالنى تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ،تېپىۋالغان قورالنى تاغىسى رxxقا كۆرسەتكەندىن كېيىن،رxx(ئولۇپ كەتكەن) قورالنى كۆرۈپ،بۇ قورال ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلاش مەقسىتىدە بۇ قورالنى ئارىيەتكە بېرىشنى ئۆتۈنۈپ،بۇ قورالنى 1999-يىلى 8-ئايدىن 2000-يىلى 5-ئايغىچە ئارىيەتكە ئالغاندىن كېيىن،2000-يىلى 5-ئايدا بۇ قورالنى جاۋاپكار قاxxغا قايتۇرۇپ بەرگىلى ئاپارغاندىن كېيىن،جاۋاپكار قاxx بىلەن رxx ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ،رxx بۇ قورالنى قاxxنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى قۇملۇققا كۆمۈپ قويغاندىن كېيىن،قورالنى كۆمگەن ئورۇننى جاۋاپكار قاxxغا كۆرسىتىپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن.جاۋاپكار قاxx بۇ قورالنى 2000-يىلى 8-ئايدىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغان . بايىنغۇلىن ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 21-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: نومۇرى 202040021-j1ئوۋ مىلتىقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ياسىمال قورالنى قورال دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :
جاۋاپكار قاxx قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگۇلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ بىر دانە قورالنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇپ ،يوشۇرۇپ ساقلىغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 128–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش،يوشۇرۇن ساقلاش جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك، جاۋاپكار قاxx جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
xx ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى .
ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论