شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 289-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار خXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 22ياش ، كىملىك نومۇرى : XX654124،تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شىنجاڭ داشۆ X تارماق مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، يۇرتى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا شەھىرى X يولى X-نۇمۇر X-بىنا X-كورپۇس X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ9-كۈنى(2019)-1429نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 1:10ئەتراپىدا جاۋاپكار خXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرى X خوگوخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان N0XX 新نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر X يولى X شىركىتى ئەتراپىغا كەلگەندە بىر ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار خXXنىڭ100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 137.67مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار خXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،جاۋاپكار خXXجىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار خXXقا 1ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 2000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار خXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :139 XX
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论