欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吾某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020)   733 -نومۇرلۇق

جاۋابكار ئوXX، باشقا ئىسمى يوق، لەقىمى يوق، ئەر، ئۇيغۇر، 38ياش، نۇپۇستىكى ئاھالىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى: 65292419XXXXXXXXXX، كەسپى: دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنتX-گۇرۇپXX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ماسسا، توي قىلغان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن ئايالى تاجىگۈل زايىتكە كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئوXX خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 636-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئوXX XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى كەچ سائەت تەخمىنەن 23:30لەر ئەتىراپىدا جىنايەت گۇماندارى ئوXX ئاغىينىسى تXX بىلەن بىللە XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنت كومتىتىنىڭ يېنىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن، سورۇندىن تاراپ سىرىتقا چىقىپ، شۇ ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NG27XXنۇمۇرلۇق، قىزىل رەڭلىك، ئەرەنچە ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، XX بازىرى XX كەنت X-گۇرۇپ تەۋىسىگە كەلگەندە شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغا. باھالاش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى ئوXXنىڭ ھەر100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى216.61مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ 2019- يىلى10- ئاينىڭ21-كۈنىدىكى ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرىدە:« ئوXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىن ئېتىل ئالكوھول تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئۇنىڭ مىقدارى216.61mg/100ml» دەپ يەكۈن چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئوXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تولۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار ئوXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئوXXغا 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش:  ئەXX

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ2-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېپىلدە، 

3) جاۋابكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top