欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吾某某涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020) 351 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئۇX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX، يۇرتى ئاۋات ناھىيە،نوپۇسىتىكى ئادىرىسى: ئاۋات ناھىيە X بازىرى ئايكۆل كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئۇXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى نۇرمەمەت ياسىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ پىراۋىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان،نۇرمەمەت ياسىن قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن قايتىپ چىقىپ ئۆيىگە ماڭغاندا، ئارزىگۈل تۇرغۇن نۇرمەمەت ياسىنغا تېلفۇن قىلىپ گاۋازى تۇخۇ قورۇمىلىرى ئاشخانىسىغا چاقىرىپ، جاۋاپكار ئۇXنى زىيانلانغۇچى نۇرمەمەت ياسىنغا تۇنۇشتۇرغان، ئۇلار تاماق يەپ ئولتۇرۇش جەريانىدا ئارزىگۈل تۇرغۇن جاۋاپكار ئۇXنى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دەپ نۇرمەمەت ياسىنغا تۇنۇشتۇرغان، جاۋاپكار ئۇX نۇرمەمەت ياسىننىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى دېگەن، زىيانلانغۇچى نۇرمەمەت ياسىن ماقۇل بولۇپ سورۇندىن تارقاپ چىقىپ 10 مىڭ يۈەن پۇلنى تەييار قىلغاندىن كىيىن  شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 18:00 ئەتراپىدا دوستى ئابدىكىرەم ئابلا، مۇھاببەت ئەخمەت بىلەن بىرگە ئاۋات بازىرى چىمەنزار ئاشخانىسىنىڭ يېنىدا جاۋاپكار ئۇX بىلەن كۆرۈشۈپ 9000 يۈەننى جاۋاپكار ئۇXغا بەرگەن، جاۋاپكار ئۇX پۇلنى ئالغاندىن كىيىن نۇرمەمەت ياسىننىڭ كىنىشكىسىنىڭ ئىشىنى ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەل قىلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە قىلىپ قايتىپ كېتىپ پۇلنى ئۆزىنى قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3>گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 4>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5> ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەت 6>ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار ئۇXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

         ئەسقەر مەمەت

2020-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

قوشۇمچە:

1.​  جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە

2.​ 8 پارچە ئەيىپنامە،بىرتوپلام رازۋىدكا دىلوسى

3.​ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تېلخېتى

4.​ ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى

5.​ ئوپتىك دېسكا (5 دانە)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top