欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吾某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-20 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020) 9 –نۇمۇرلۇق

 ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

 جاۋاپكار ئو  XX  ، ئايال، ئۇيغۇر،XX19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292819XXXXXXXXXX، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن :شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XX بازار XX شەرقى يولى X-كوچا X-تاركوچا X-نومۇر، مۇقۇم كەسپى يوق،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن  ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئو  XX  نىڭ ئوغۇرلۇق  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     جاۋاپكار  ئو  XX   2019 -يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۇنى چۈشتىن كېيىن دوستى رXX بىلەن بىرگە بالىلىرىنى باغچىدىن ئېلىپ چىقىپ رXX بىلەن بىرگە رXXنىڭ ئاپىسى ئاXXنىڭ X بازار Xئولتۇراق رايۇنى X-بىنا X-كۇرۇپۇس X-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە كىرگەن، بىر ئازدىن كېيىن بالىسىغا نەرسە كېرەك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقاشىدا ئۆي ئىگىسى ئاXX، رXXنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاXXنىڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن،بالسىغا نەرسە كېرەك ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاچقۇچ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئوغۇرلىقچە ياسىتېۋىلىپ قايتىپ كىرىپ ئەسلى ئاچقۇچنى ئورنىغا قۇيۇپ قويغان،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:30 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ئو  XX   ياسىتىۋالغان ئاچقۇچنى ئېلىپ ئاXXنىڭ  X بازار XX ئولتۇراق رايۇنى X-بىنا X-كۇرۇپۇس X-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ،ياتاق ئۆينىڭ ئىچىگە قۇيۇلغان ياغاچ ساندۇقتىن 2000(ئىككى مىڭ يۈەن)يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن،ئەتىسى يەنى 2019-يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە رXXغا تېلېفۇن قىلىپ ئايXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن،ياسىتىۋالغان ئاچقۇچتىن پايدىلىنىپ ئاXXنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ ياتاق ئۆيگە قۇيۇپ قويغان ياغاچ ساندۇق ئىچىدىكى 13.06 گىرام ئېغىرلىقتىكى 4048يۈەن قىممىتىدىكى بىرجۈپ سېرىق ئالتۇن زىرە(ھالقا)نى ئوغۇرلاپ ئاچىقىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋات ناھىيە X بازار XX يولى X-كوچا X-تار X-نومۇرلۇق ئۆيىدىكى توڭلاتقۇ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويغان،دېلو پاش بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇپ قويغان بىر جۈپ سېرىق ئالتۇن زىرە تۇتۇپ قېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان،2000يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن. 

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4،باھالاش پىكرى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئو XX نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا1-تۈر بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق،72-ماددا بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا،15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى

   قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،ئىككى تال سوراق پىلاستىنكىسى،ماددى ئىسپات بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top