阿瓦提县人民检察院
起 诉 书
阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕51号
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئە (2020) 51-نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار XX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6529XXXXXXXXXXXXXX، يۇرتى XX ناھىيە، نۇپۇستىكى ئولتۇرغى XX بازار XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كېپىللىگى بىكار قىلىنىپ، تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار XXىنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى، جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2018-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 21:30 تە جاۋاپكار XX ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ھالەتتە ھەيدەپ XX بازىرى XX كەنت يول بۆلىكىدە غەرپتىن شەرققە يۆلىنىشتە ھەيدەپ XX كەنت XX-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە قارشى تەرەپتىن XX ھەيدەپ كەلگەن 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سۇقۇلغان، قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق XXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىگى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنى (2019) XXXX-نۇمۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاشنامىسىدە: جاۋاپكار XXنىڭ ھەر 100 مىللىتىر قان تەركىبىدە 194.26 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1› يازما ئىسپات 2› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3› باھالاشنامە 4› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار XXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار XXنىڭ قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك، شۇڭا جاۋابكار XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 3 ئايلىق تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، جاۋابكار XXگە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا
2020-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى، بىر دانە سوراق سىن دېسكىسى بىرگە يوللاندى 2› جاۋاپكار XX ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论