欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吾某某故意伤害案(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ئا ش ت ج ئى 2-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)505 -نۇمۇرلۇق

   ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار ھxx، ئەر، ئۇيغۇر، 28ياش، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx 6529011992. يۇرتى: شىنجاڭ xx،تۇرۇشلۇق جاي: xx شەھەر xx يېزا xx كەنىت xx-گورۇپ xx-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسگە ئىگە، دېھقان، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىللىككە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار ھxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى xx يېزا 11-كەنت كەنت كومىتىتى يېنىدىكى دۇكاندا ھاراق ئىچىپ كەچ سائەت 2:30لەر ئەتىراپىدا ئۈيىگە قايتىپ xx يېزا xxكەنت xx-گۇرۇپتىكى ئۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە زىيانلانغۇچى ئاxxنى ئۇچۇرىتىپ قېلىپ كونا ماجىرا ئىسىگە كىلىپ، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ سول تەرەپ بىقىنىغا تېپىپ سول تەرەپ ئۇچ تال قوۋۇرىغىسنى سۇندۇرىۋەتكەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماددى ئىسپات باھالاشنامىسىدە:« ئاxxنىڭ زەخمىسىنى يىنىك 2- دەرىجىلىك زەخمە» دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

  يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، رازىۋىتكا خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ھxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234– ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش ( ينىك) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ھxx بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىپ بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234–ماددابەلگىلىمىسى بويىچە 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ 1 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز

ئېرپان ھامۇت

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزاھات:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى xxxxxxxx 150.

1.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top