شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019)126 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئۆxxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxx1814،تولۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:دېھقان،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇستۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:xx ناھىيە xx يېزىسى xx كەنىت xx-گۇرۇپپا xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،2018-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2019-يىلى12-ئاينىڭ17-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار ئۆxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2019- يىلى12-ئاينىڭ16- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار ئۆxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
2018-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى سائەت02دىن30مىنۇت ئۆتكەندە xx ناھىيە xx يېزا يولى بۆلكىدە جاۋاپكار ئۆxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە Mxx 新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومبىلنى ھەيدەپ،xx ناھىيە xx يېزىسى يولى بۆلكىگىدە مىڭىۋاتقاندا،لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن نەقمەيداندا تۇتۇلغان،ېشىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددىي ئىسپات ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2018) 5844– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ،جاۋاپكار ئاxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە137.92 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار ئۆxxنىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار ئۆxxغا 2ئايدىن توۋەن 1 ئايدىن يۇقىرى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە يۈەن 4000شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەنۋەر ئابلەت
2019 –يىلى12 –ئاينىڭ17 -كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论