欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吐某涉嫌危险驾驶罪案起诉书(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)37-نۇمۇرلۇق 

   جاۋابكار ت**، ئەر، ئويغۇر، 1983- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****65292919831007، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گورۇپ **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

   كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ت**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ت** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 20:00 لەر ئەتراپىدا،  دوستلىرى م**، ئا**، ئە** قاتارلىقلار بىلەن بىللە، ** يېزىسى ** بازىرىدىكى ئە**نىڭ يىمەك ئىچمەك دۇكىنىدا پىۋا ئىچكەندىن كىيىن سائەت 22:00 لەر بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا پىراۋىسىز ئۆزىنىڭ K** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ ** يېزا ** كەنت **- گورۇپپىدىكى ئى**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر  100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 229.97 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

 1. يازما ئىسپات  2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3. باھالاشنامە  4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ت**نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

   مەھكىمىمىز، جاۋابكار ت**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 4 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 9000 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

      كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل

2020-يىلى11-ئاينىڭ 15-كۈنى

1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 

جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top