كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)63-نۇمۇرلۇق
جاۋابكارت** سەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى6-ئاينىڭ 18- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919830618،ساۋاتسىز، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش پىراۋىسى يوق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ت**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ت** 2020-يىلى 9- ئاينىڭ 08- كۈنى سائەت22 دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ** بازىرى ** كەنتىدىكى ر**نىڭ دۇكىندىن بىر پۇتولكا پىۋا (ماركىسى ئېنىق ئەمەس) ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مال باقىدىغان يىرىگە چىقىپ ئىچكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ خاۋجۆ ماركىلىق جىگەر رەڭلىك موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ، ** بازىرى ** كەنتىدىن ** كەنتىگە قاراپ يول يۈرۈپ، **كەنتىدىكى ئا**نىڭ دۇكىنىدىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش جەريانىدا، ** بازارلىق خەلىق ھۆكىمىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئا** جاۋاپكار ت**نىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدەپ، ** كەنتىدىن ** كەنتىگە كەلگەنلىكىنى بايقاپ ج خ ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلغان. ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى جاۋاپكارنى قانۇن تەرتىپ بويىنچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 196.70 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى 3. باھالاشنامە 4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ت** ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋاپكار ت**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 3 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە7 مىڭ يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى12-ئاينىڭ8-كۈنى
1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى.
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论