شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى
xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
xx ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020) 110-نومۇرلۇق
جاۋاپكار تۇ xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx– يىلى xx– ئاينىڭ xx– كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx652823 ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنتى xx يولى xx -نۇمۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دىھقان. 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 28–كۈنى خەتەرلىك يول يۈرۈش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار تۇ xx ىلنىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار جۈرئەت راخمان مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋابكار تۇ xx 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 2لەر ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新MN1587 نومۇرلۇق ئىككى چاقىلىق موتوسىكىلىتنى مىنىپ، xx ناھىيەلىك بالىلار باغچىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2020) 1367–نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، تۇرسۇن ئىسمايىلنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 160 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار تۇ xx قاتناش–تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار تۇ xx غا 1 ئايدىن يوقىرى 2 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : xx
xx
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.
(2) «خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .
(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论