欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吐某某涉嫌故意伤害案起诉书

2021-09-21 尘埃 评论0

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 207 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار تXئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX،يۇرتى:ئاۋات ناھىيە،نۇپۇستىكى ئادىرىسى:X بازارX كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر،تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان،2019-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار تXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ئىككى قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى،ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزگە يوللىغاندىن كىيىن مەھكىمىمىز تەپتىش خادىملىرى قانۇن بويىچە جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:30 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار تX غوروچۆل بازىرى X كەنتىدىكى بىر يولداشنىڭ دۇكىنىدا ئاغىينىسى ئەX،زىيانلانغۇچى ئىX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئاق ھاراق ئىچكەن،جاۋاپكار تXنىڭ ئاغىينىسى ئەXX بەكرەك مەس بۇلۇپ كەتكەچكە جاۋاپكار تX زىيانلانغۇچى ئىXXكە ئاغىينىسى ئەXXنى ئۈزىنىڭ ئۈيىدە بىرئاخشام ياتقۇزىۋىلىشنى دىگەن،زىيانلانغۇچى ئىXX قۇشۇلمىغان،شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار تX بىلەن زىيانلانغۇچى ئىXX گەپ تالىشىپ قالغان،بىر ئازدىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئىXX ئۈزىنىڭ ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى مىنىپ غوروچۆل بازىرى X كەنتىدە پاختا چۆلەيدىغان جايدىكى ۋاقىتلىق ئولتۇرىۋاتقان ئۆيگە قايتىپ كەتكەن،ئارقىدىن جاۋاپكار تXXمۇ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ غوروچۆل بازىرى X كەنتىدە پاختا چۆلەيدىغان جايدىكى ۋاقىتلىق ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ بىرسىگە تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنى تىللاپ بىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن جاۋاپكار تX زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى ئىXXنى تىگىگە بېسىۋىلىپ مۇشتى بىلەن زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ بېقىنىغا ۋە يۈزقىسمىغا بىر نەچچىنى ئۇرغان،مXX  ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلىغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ ئىككىسىنى ئاجرىتىۋېتىپ تXنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن،بىر ئازدىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئىXX ئۆيدىن چىقىپ جاۋاپكار تXنى تىللىغاندىن كىيىن جاۋاپكار تX يۈگىرەپ بېرىپ ئوڭ قۇلى بىلەن زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ گېلىدىن تۇتۇپ پۇتلاپ،زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ گېلىدىن تۇتۇپ ئارقىسىغا ئىتتىرىپ زىيانلانغۇچى ئىXXنى سىمۇنىت يەرگە ئارقىچىلاپ يىقىتىۋەتكەن،زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ بېشىدىن قان چىقىپ كەتكەن،جاۋاپكار تX زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ بېقىنىغا بىرنى تېپىپ،زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ بىشىدىن قان چىقىپ توختىمىغانلىقىنى كۈرۈپ زىيانلانغۇچى ئىXXنى كۈتۈرۈپ زىيانلانغۇچى ئىXXنىڭ ئۈيىگە ئەكىرىپ بەنچاڭغا ياتقۇزۇپ قويغان،ئارىدىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆتكەندىن كىيىن جددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگەن،جاۋاپكار تX دوختۇرلارغا ياردەملىشىپ زىيانلانغۇچى ئىXXنى دوختۇر ماشىنىسىغا بېسىپ دوختۇرلار بىلەن بىرگە زىيانلانغۇچى ئىXXنى ئاۋات ناھىيلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ {2019} 045-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا:زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىXXنىڭ  زەخمىلىنىش دەرىجىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە دائىرىسىگە تەۋە دەپ باھالىغان.

شىنجاڭ جېنشىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى (2019)0894-نومۇرلۇق ئەدلىيلك باھالاش پىكىرنامىسىدە:زىيانلانغۇچى ئىXXنى 10-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3>گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 4>جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5›باھالاش پىكرى 6›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار تXنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 234-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جاۋاپكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان،جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتىسيىسى ياخشى،شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكار تXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

         ئەسقەر مەمەت

2020-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

   قۇشۇمچە:

1› جاۋاپكار ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

   2>ئىككى توپلام رازۋىدكا دىلوسى

   3>جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى

   4>ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى

   5>ئوپتىك دېسكا (6 دانە)

   6>جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزنامىسى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top