كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)31-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ت**، ئەر، ئويغۇر، 1979-يىلى2-ئاينىڭ 13- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919790213، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ت**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ت** 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، دوستلىرى ئە**، ئە**، نۇ**، ر** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، كەلپىن بازىرى ئىتتىپاق يولىدىكى «ئېزىتقۇ» چاي تائاملىرىدا ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سائەت 01:00 لەردىن ئاشقاندا سورۇندىن تارقاپ ئۆزىنىڭ 新N5G6** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئائىلە ئاپتۇمبىلنى ھەيدەپ، سۇ بېشى يولىنى بويلاپ كەلپىن بازىرىدىن گەزلىك بازىرىغا قاراپ يول يۈرۈپ، ** يولى ** مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار ھاراق ئىچىپ ئاپتۇمبىل ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 146.40 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ت**نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ت**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتومبىل ھەيدىگەن قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 1 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 3 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى
1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论