欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吐某某涉嫌危险驾驶罪案起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت، 1-بۈلۈم ج،ئە (2020) 369–نۇمۇرلۇق

 جاۋاپكار تۇ   XX ،ئەر،ئۇيغۇر،XXXX-يىل XX-ئاينىڭ 28-كۈنى  تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى65292819XXX043953 نۇپۇستىكى ئادىرسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى :ئاۋات ناھىيىسى XX بازىرى XX كەنتى5-گۇرۇپ 32-نۇمۇر،دىھقان ، ماسسا،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكارتۇ   XXنىڭ  خەتەرلىك ھەيدەش  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3 - كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى  ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى.

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  2020-يىل  4-ئاينىڭ 20-كۈنى  بىيجىڭ ۋاقتى  سائەت 19:00  ئەتراپىدا، جاۋابكار تۇ   XX يېڭئېرىق بازىرى 2-نۇمۇرلۇق قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈزى يالغۇز ئىككى قۇتا پىجۇ ئىچكەن ،ھاراقنى ئىچىپ بۇلۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا دۇكاندا ئارام ئېلىپ ،ئاندىن ئۈيىگە قايتماقچى بۇلۇپ ،يېڭىئېرىق بازىرى يېزا ئىگىلىك دىھقانچىلىق بازىرى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىغا تۇختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ  新NC72XX -نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى  يڭىئېرىق بازار ئىچى يولىدا جەنۇپتىن -شىمالغا يۈلىنىشتە تەخمىنەن 10كىلومېتىر ھەيدەپ، يېڭئېرىق بازىرى چاچى كەنت 5-گۇرۇپ يولىغا كەلگەندە،يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان  ئاۋات ناھىيلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتى ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.

  شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2020] 1879-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا،جاۋاپكار تۇ   XXنىڭ  ھەر 100مىللىمىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە 103.33مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىغى باھالاپ بېكىتىلگەن. 

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2 جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3، باھالاش پىكرى 5، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكارتۇ XXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، جىنايتىىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،ئاددى تەرتىپى قوللىنىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايىى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 67-ماددا 3-تارماقنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

               ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى9-ئاينىڭ24-كۈنى

   قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى ئۈچ تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top