ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم ئەيىپلىمەسلىك (2020) 29-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار ئۈستۈنكى XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىپلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:10 ئەتراپىدا، ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX ئۆزىنىڭ 新N39XX -نۇمۇرلۇق ئۇتتۇرا تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ئاۋات ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت يۇلىدا شەرقتىن-غەربكە قاراپ ھەيدەپ كېتىۋىتىپ، ئاۋات ناھىيە يېڭئېرىق بازىرى XX كەنىت 3-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ يولنى تۇغرىسىغا پىيادە كىسىپ ئۆتۇپ كىتىۋاتقان ئا XX سوقۇپ بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
نەتىجىدە: زىيانلانغۇچى ئا XX ئېغىر دەرجىدە زەخمىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 721-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بىكىتىشنامىسى: ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX نىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 47-ماددا 2-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 45-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. زىيانلانغۇچى ئا XX (قانۇنى ۋەسىيسى ئا XX) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 64-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 134-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار پەن- تېخنىكىلىق باھالاشنامىسى: زىيانلانغۇچى ئا XX قورساق قىسمى ئېغىر دەرجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3›ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتە ۋە فوتو-سۈرەت 6›سوراق ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايتى شەكىللىنىدۇ، قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق؛ لېكىن ئەيىپلەنمىگۈچى تۇ XX ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 110 قوماندانلىق مەركىزىگە تىلفۇن قىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان، ساقچىلار نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا ئىقتىسادى تۆلەم بەرگەن ھەمدە ھەق- تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشىپ زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە تۇ XX نى نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论