欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

吐某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019)102- نومۇرلۇق 

جاۋاپكارتۇ** ،ئەر،ئۇيغۇر،1972-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******6528231972، ئوتتۇرا تېخنىكوم  مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:شوپۇر ،ئەسلىي يۇرتى ۋە نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيە**بازىرى ** يولى ** كوچىسى**-بىنا **-ئىشىك**-ئۆي ،2018-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار تۇ**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى11– ئاينىڭ 19- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار تۇ** دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

جاۋاپكارتۇ** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى سەھەر سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 2 لەردە ، لوپنۇر ناھىيە ** يولى بۆلىكىدە، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالدا新M** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى  ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ،شۇ يولى بۆلىكىدە ،لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى** ئەتىرىتى ** خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ ، قاتناش ساقچى خادىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ، شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددىىي ئىسپاتنى ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018]5857–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە تۇ**نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 206.77 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكار تۇ**قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .

مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار تۇ**غا 4 ئايدىن تۆۋەن 3 ئايدىن يۇقۇرى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە8000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : تۇرسۇن راخمان 

2019- يىلى 11- ئاينىڭ22- كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top