شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 3280 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار تXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 47ياش ، كىملىك نومۇرى :XX 652901 ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،پارتىيە ئەزاسى ،تىجارەتچى، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى ، ئاقسۇ شەھەر X يېزا X كەنىت X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان( 2017-يىلى 3-ئايدا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلمىشى ئۈچۈن مەھكىمىمىز تەرىپىدىن جىنايىتى يىنىك دەپ قارىلىپ نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىلغان ).2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۈنى(2019) 1341-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 22:00لەر ئەتراپىدا ،جاۋاپكارتXX ئاقسۇ شەھەر X رېستۇرانىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر X بازىرىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختىتىپ قويغان 新N XX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ مېڭىپ ئاقسۇ شەھەر X تارىم يولىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىپ باشقىلارنىڭ ماشنىسىنى سوقۇپ قويۇپ شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكارتۇردى ساۋۇتنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارتXX نىڭ 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 214مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكارت XX زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى چىقىملىرىنى تۆلەپ بەرگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ت XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار تXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار ت XXقا 5ئاي 15كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 11000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار ت XX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XX13899
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论