شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 2-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 552-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تxx، ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، كملىك نومۇرى: xxxxxxxx 6529011990، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ xxشەھىرىxx كوچا باشقارمىسى xx ئولتۇراق رايۇنى C رايۇن xx-كورپۇس xx-نۇمۇر، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، رايون كادىرى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى07–ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار تxx 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى ھاراق ئىچىپ سائەت 00دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە مەست ھالەتتە (121.72mg/100ml) 新Nxxxxx نۇمۇرلۇق ئاپتوموبېلىنى xx شەھەر xx-ئەترەتتىن xxغا ماڭىدىغان يولدا شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ سۈرەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ قۇرۇلۇش يولى بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپ ئوخشاش يۆلىنىشتە ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە(148.00mg/100ml) 新电Nxxxxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى ھەيدەپ ماڭغان زىيانلانغۇچى رxxنىڭ توكسىكلىتىنىڭ ئارقىسىغا سوقىۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن زىيانلانغۇچى رxx قۇتقۇزۇشقا ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات-ماددى ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار تxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.
جاۋابكار ت xx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
تۇرسۇنئاي ئەخمەت
2020- يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى: xxxxxxxx 138 .
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论