شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم
ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش(2019) 265 - نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئى**، ئەر،ئۇيغۇر،1965-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى: ******6528231965، ساۋاتسىز، چارۋىچى ،نوپۇسىتىكى تۇرۇشلۇق ئادىرسى : چاقىلىق ناھىيە ** بازىرى ** يولى**نومۇر ،2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى،قورال –ياراق ، ئوق-دورىنى قانۇنسىز ئىلىكدە تۇتۇش دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار ئى**نىڭ ،قورال –ياراق ، ئوق-دورىنى قانۇنسىز ئىلىكدە تۇتۇش جىنايىتى دېلۇسىنى ،2019-يىلى8-ئاينىڭ14-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
جاۋاپكار ئى** 2009-يىلى يازلاردا، يېزا ئىگىلىكى**- دېۋىزىيىسى**-تۈەن تەۋەلىكىدىكى سې** دېگەن يايلاقتا چارۋا بېقىش جەريانىدا تاغىسى مە** (2015-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن) دىن بىر دانە مىلتىق بىلەن 81 تال مىلتىق ئوقىنى ئالغان ،كېيىن باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن قورقۇپ لوپنۇر ناھىيە **يېزسىى ** كەنىت سې** (يېزا **- دېۋىزيىسى **-تۈەن جەنۇبقا قاراپ 30 كىلومېتىر ماڭغان جايىدىكى قۇم دۆۋىسى) دېگەن يەردىكى قۇم دۆۋىسىنى بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاپ كۆمۈپ قۇيۇپ تاكى 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنىگىچە قانۇنسىز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرغان.( بىر دانە مىلتىق بىلەن 81 تال مىلتىق ئوقى دەلىل –ئىسپات قاتارىدا ئېلىنىپ دىلوغا قايتۇرۇپ كېلىندى) .
بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي بۇيۇملارنى باھالاپ بېكىتىش پونكىتىنىڭ [2019]17- نومۇرلۇق باھالاش پىكرىدە : جاۋاپكار ئى**نىڭ قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان بىردانە مىلتىقنى قورالنىڭ قوشۇمچە زاپچاسلىرى ،81 تال مىلتىق ئوقىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 56 پاسون ، 7.62 سانتىمېتىرلىق قورالنىڭ ھەقىقى ئوقى دەپ بېكىتكەن .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئى**نىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشى « جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 128-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ، قورال –ياراق ، ئوق-دورىنى قانۇنسىز ئىلىكدە تۇتۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان .
2019- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى .
ئىزاھات : جاۋاپكار لوپنۇر قاماقخانىدا قاماقلىق .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论