شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ج ئى 2-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 487-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx 6501031966، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: xx شەھەر xxرايۇنى xx يۇلى xx 2-قارار ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نۇمۇر، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئىxx 2016-يىلى 2-ئايدا زىيانلانغۇچى زxxنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە :< جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتىدە تەكشۈرۈلۋاتقان يولدىشىڭىز ئاxxنى ئامال قىلىپ ئېچىقىپ بىرىمەن > دەپ زxxنى ئالداپ ، بىرىنچى قېتىم 45000 يۈەن، ئىككىنچى قېتىمدا 55000 يۈەن بۇلۇپ، ئىككى قېتىمدا زxxنىڭ 100000 يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، رازىۋىتكا خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئىxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266– ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددابەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
ئېرپان ھامۇت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论