ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 15–نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئى XX، ئەر، ئۇيغۇر، ** -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: **********652928، يۇرتى: ئاۋات ناھىيە، ئولتۇرۇغى: ئاۋات ناھىيە XX بازىرى XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كېپىللىك بىكار قىلىنىپ تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئى XX نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2018-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:30 دە جاۋابكار ئى XX، ت XX نامىدىكى *****新N نۇمۇرلۇق «سانتانا» ماركىلىق ماشنىنى ئاۋات ناھىيە S208-لىنيەدە شەرىقتىن-غەرىپكە يۆلۈنۈشتە ھەيدەپ كېتىۋېتىپ 36 كىلو مىتىر 100 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئوخشاش يۆلۈنۈشتە پىيادە مېڭىۋاتقان م XX نى سۇقىۋەتكەن.
نەتىجىدە م XX دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2018) 163-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە: ھادىسىدە ئۆلگۈچى م XX پۈتۈن بەدەن كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يۇمشاق تۇقۇلمىرى زەخمىلىنىش، ئوڭ يانپەش سۆڭىكى سۇنۇش، ئوڭ سول قوۋرۇغا سۆڭكى سۇنۇش، ئۆپكە قىسىلىپ زەخمىلىنىش، باش سۆڭكى سۇنۇش، ئۆمۈچۈكسىمان تور پەردە ئاستىغا قان چۈشۈش، كۆكرەك قىسمى ئېغىر رەخمىلىنىش سەۋەپلىك ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 65292820180225-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بىكىتىشنامىسىدە: جاۋابكار ئى XX نىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىىڭ 22-ماددا 1-تارماق،42-ماددا 1-تارماق بەلگۈلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە تۇللۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى؛ھادىسىدە ئۈلۈپ كەتكۈچى م XX ھادىسىدە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئى XX نىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ جاۋابكار ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ قىلىمىشىنى ئەيەن تاپشۇرغان جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 1-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش : مۇقەرەپ مۇختەر
2020-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىدا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论