شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ئە چىقىش (2020) 762-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئىxx، ئەر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx65292419، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرىxx كەنىت xx-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تارتىۋېلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلىپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىق بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار گۈxx، ئايال، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx65292419، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2010-يىلى 7-ئايدا باشقىلارنى ئۇرۇش قىلمىشى بىلەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جازا بىرىلگەن، جىنايەت تاپاۋىتىنى پەردازلاش، يۇشۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكارلار ئىxx، گۈxxلارنىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 34-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارلارنى سوراق قىلدۇق، جاۋابكارلار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار ئىxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 22:00 لار ئەتراپىدا خوشنىسى رxxنىڭ ئۈيىگە پۇل سوراپ كىرىپ، پۇل ئۆتنە ئالالمىغاندىن كىيىن، چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ رxxنىڭ كېلىنى گۈxxنىڭ ئۈيىنىڭ ئىشىكىنىڭ تاقالمىغانلىق ۋە ئۈيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىگە كىلىپ، ئارىدىن بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، گۈxxنىڭ ئۈيىگە كىرىپ، ياتاق ئۆيدىكى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىچىدىكى بىر تال ئالتۇن بىلەيزۈك، بىر جۇپ ئالتۇن ھالقا، بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك بۇلۇپ جەمئىي 6740.2 يۈەن قىممىتىدىكى 20.12 گىرام ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. جاۋابكار ئىxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلىغان ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىش مەقسىتىدە شايار بازىرىغا بېرىپ، شايار بازىرىدا تۇنۇشى ئاxx بىلەن ئۇچۇرىشىپ، ئاxxغا «يېنىمدا ئالتۇن بار ئىدى، مىنىڭ كىملىكىم يوق ساتالمىدىم، ماڭا ئالتۇنىنى سېتىشىپ بەرسىىڭىز» دىگەندە، ئاxx ماقۇل بۇلغاندىن xx بازىرى xx سودا بازىرىدىكى «xx دۇكىنى» نىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئاxx ئارقىلىق 3051.85 يۈەن قىممىتىدىكى 9.11 گىراملىق بىر تال ئالتۇن بېلەيزۈكنى سېتىپ پۇلنى ئۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. جاۋابكار ئىxx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى ئەتراپىدىكى «xx ئارامگاھى» دىگەن قاۋاقتا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا، جاۋابكار گۈxx بىلەن تۇنۇشۇپ جاۋابكار گۈxxغا ئۆزىنىڭ يېنىدا ئوغۇرلاپ كەلگەن ئالتۇن بارلىقىنى، بۇ ئالتۇنلارنى ياردەملىشىپ سېتىپ بىرىشنى ئېيىتقاندا جاۋابكار گۈxx ماقۇل بۇلۇپ 11.01 گىرم 3688.35 قىمىتىدىكى بىر جۈپ ئۈزۈك، بىر جۈپ ھالقىنى xx بازىرى xx سودا بازىرىدىكى «xx دۇكىنى» غا ئاپىرىپ، 2733.6 يۈەن قىممىتىدىكى 8.16 گىرام بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك ۋە بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى سېتىپ پۇلنى گۈxx بىلەن بىرگە خەجلەپ تۈگەتكەن. جاۋابكار گۈxx 954.75 يۈەن قىممىتىدىكى 2.85 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكنى جاۋابكار ئىxxىن يۈشۈرۋېلىپ ئۆزى يالغۇز سېتىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ 2729 يۈەن زىيان ئەسلىگە كىلىپ، 4011.2 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيدان رەسىمى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاشنامە قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئىxxنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋىلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن كۆپىرەك مىقدارىدىكى پۇل-مېلىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسى بۇيىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكار گۈxxنىڭ ئوغۇرلانغان بۇيۇم ئىككەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا سېتىشىپ بەرگەن قىلمىشىدىن «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 312-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت تاپاۋىتىنى پەردازلاش، يۇشۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىۋىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە تىنىچ، مۇقىم بولغان ئىجتىمائى ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكار ئىxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگلىمسى، جاۋاپكار گۈxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 312-ماددا 67-ماددا، 3-تارماقدىكى بەلگلىمسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار ئىxx، گۈxxلار جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئېتراپ قىلدى، جازاغا قايىل بولدى، جاۋاپكار ئىxxغا مۇدەتلىك 9 ئاي 15 كۈن قاماق زازاسى بىرىپ 2500 يۈەن شىتىراف قۇيۇش، جاۋاپكار گۈxxغا مۇدەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ بىر يىل كىچىكتىرۈپ ئىجىرا قىلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش : xxxx
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
قۇشۇمچە :
(1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى ئۈچ توپلام (238-بەت) بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكارلاردىن ئىxx قاماقخانىدا قاماقتا، گۈxx ئائىلىسدە كېپىللىككە بىرىلگەن .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论