欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

亚某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 646-نومۇرلۇق

جاۋابكار ياXX،ئەر، ئۇيغۇر -XXيىلى- XXئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛، 65292419XXXXXXXXXX،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،شوپۇر ،ماسسا، XX ناھىيە بازىرى XX يۇلى -XXنۇمۇر XX گۈللۈكى -Xبىنا -Xكۇرپۇس -XXنۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.

 خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن -2020يىلى 02-ئاينىڭ29-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ياXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ -2020يىلى -9ئاينىڭ29 -كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 695-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ياXX ،-XX يىلى -Xئاينىڭ -XXكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 لەر ئەتىراپىدا ،XX ناھىيە بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنى يېنىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئاندىن يەنە XX ناھىيە بازىرى ئXX زامانىۋى -Xقارار ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندا ھاراق ئىچىپ مەس بۇلغاندىن كىيىن، دۇكاندىن چىقىپ ئېگەچى ئولتۇراق رايۇنى ئىچىگە توختۇتۇپ قويغان خوجايىنى مىجىت مەخمۇتنىڭ 新N737XX نۇمۇرلۇق بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنسىدا ئۇخلاپ ئەتىسى -XXيىلى -Xئاينىڭ -XXكۈنى كېچىدە ئويغۇنۇپ،ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن خوجايىنى مىجىت مەخمۇتنىڭ 新N737XX  نۇمۇرلۇق بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنسى ھەيدەپ،بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 05:11 لار ئەتىراپىدا XX ناھىيە بازارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يولدا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ياXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 280 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ياXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددا -1مەزمۇن -1تارمىقىنىڭ -(2)تارماقچىسى، -67ماددا -3تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -15، -176، -222ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار ياXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ياXXغا 3 ئاي 25 كۇن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 7600 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش:ئەXX 

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (87بەت) بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېىپىلدە، 

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top