ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت،1-بۆلۈم جىنايى ئىشلار ئەيبلەش (2020) 244-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ياXXXXXئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652928XXXXXXXXXXXX،نۇپۇستىكى ئادىرسى:شىنجاڭ X ناھىيىسى Xيېزىسى X كەنت 4-گۇرۇپ 8-نۇمۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ياXXX خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋاپكارغا جىنايىتى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولغاندا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋاپكار بۇ دىلونى تېز كېسىم قىلىش تەرتىۋىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 23:00 ئەتىراپىدا،جاۋاپكار ياXXX X يېزىسى XXX كەنىت 2-گۇرۇپ 72-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق دوستى XXXX ئۈيىدە،ياXX،ئېXXX،ئاXXX قاتارلىقلار بىرگە ئاق ھاراق ئىچكەن،2020-يىلى1-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت00:00 ئەتراپىدا جاۋاپكار ياXXX ئېXXX ئۈيىدىن قايتىپ چىقىپ،XXيېزا XXكەنت 4-گۇرۇپ تەۋەلىكىدە توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز مەس ھالەتتە مىنىپ شىمالدىن-جەنۇپ يۈلىنىشىدە ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى دولان يولىغا كەلگەندە،يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈلۈپ،ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ياXXXX ھەر 100مىللىلىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە 117.57مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4.باھالاش پىكرى 5.ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى 6. ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىقلاربار.
يۇقارقى دەلىل-ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ،قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ياXXXXX قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ،جىنايتىىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپى قوللىنىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايىى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋاپكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە شىتىراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
مۇيەسسەر ئەنۋەر
2020-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە
2. 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى
3.جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى
4.ئوپتىك دېسكا(3 دانە)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论