欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

买某涉嫌危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                        ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)52-نۇمۇرلۇق 

   جاۋابكار مە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1992- يىلى 05- ئاينىڭ 01- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919920510،  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە** يېزا ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش پىراۋىسى بار، ئىلگىرى جازالانمىغان .2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىدىن گۇمان قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

   كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار م**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋاپكار م** 2020-يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، ياتاقدىشى پ** بىلەن ** بازىرى ** كەنتىدە قىزىل ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 00 لەردىن ئاشقاندا، ئۆزىنىڭ **新Nنۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتىموبىلىنى ھەيدەپ، ** بازىرى ** كەنتىدىن ** كەنتىگە قاراپ يول يۈرۈپ، **  كەنت كومىتىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە قاتناش ۋاستىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان كەلپىن ناھىيە ج خ ئىدارىسى ئاچال ساقچىخانسى ** كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. قانۇن تەرتىپ بويىنچە ** بازارلىق سەھىيە پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ  243.18 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

 1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى 3. باھالاشنامە  4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار م**ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

   مەھكىمىمىز، جاۋاپكار م**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى ‎‎‎‎‎»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- مادىسىدىكى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل

2020-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى

1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى.  

2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top