欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

买某某涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-23 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020) 241 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار مە    XX ،ئەر،ئۇيغۇر،XXXX-يىلىXX-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 65295819XXXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادرېسى شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازار XX كەنت4-گۇرۇپ33-نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان،ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ15-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان.2020-يىلى3-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان ،ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مە    XX نىڭ ئالدامچىلىق  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى5-ئاينىڭ3-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدەبارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋەبۇدىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،(2020-يىلى6-ئاينىڭ3-كۈنى دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى 15كۈن ئۇزارتتى.)،ھازىربۇدىلونى تەكشۈرۈشئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار مە    XX  قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا،2017-يىلى 7-ئاينىڭ13-كۈنى بېشرىق بازار ئىچىدىكى ئىتتىپاق موتوسىكىلىت رېمۇنت قىلىش سېتىش دۇكىننىڭ خوجايىنى ئادىل ئابلەتنى ئالداپ ئالدىن 1000 يۈەن تاپشۇرۇپ 5500 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە ۋۇياڭ ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىلىتنى سېتىۋېلىپ، قالغان 4500يۈەنگە ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ، توكسىكلىتنى 2-قول موتوسىكىلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

2›جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ27-كۈنى بېشرىق بازار ئىچىدىكى «داجى توكسىلىت سېتىش قۇراشتۇرۇش » دۇكىنىنىڭ خوجايىنى سۈن جېنيۈەننى ئالداپ ھۆججەت يېزىپ بىرىپ قەرىزگە بىر دانە 6500يۈەن قىممىتىدىكى «لوڭشىن»ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىلىت سېتىۋېلىپ، توكسىكىلىتنى 2-قول موتسىكىلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،جاۋاپكار مە    XX  زىيانلانغۇچى سۈن جېنيۈەنگە 2018-يىلى 4-ئايدا مىڭ يۈەن،2018-يىلى 6-ئايدا مىڭ يۈەن قايتۇرۇپ،قالغان 4500يۈەن پۇلنى زىيانلانغۇچىغا ھازىرغىچە بەرمىگەن.

3› جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋات بازارى يوڭشىن سودا مەيدانى ئىچىدىكى «شىياۋداۋ توكسىكلىت سېتىش قۇراشتۇرۇش » دۇكىنىنىڭ خوجايىنى جاۋيۈبونى ئالداپ، ئالدىن 1000 يۈەن تاپشۇرۇپ بىر دانە 5300يۈەن قىممىتىدىكىجىياڭ خۈەي ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىلىت سېتىۋېلىپ ، توكسىكلىىتنى 2-قول موتسىكىلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،جاۋاپكار مە    XX  زىيانلانغۇچى جاۋ يۈبوغا 2019-يىلى 9-ئاينىڭ8-كۈنى 500يۈەن قايتۇرۇپ،قالغان 3800يۈەن پۇلنى زىيانلانغۇچىغا ھازىرغىچە بەرمىگەن.

4› جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇمباش بازار ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى «ھەمدۇللا مامۇتنىڭ توكسىكىلىت سېتىش قۇراشتۇرۇش دۇكىنى»نىڭ خوجايىنى ئەلاخان مۇسانى ئالداپ، ئالدىن 800يۈەن تاپشۇرۇپ بىر دانە 4800يۈەن قىممىتىدىكى «مىڭ لىڭ»ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى سېتىۋېلىپ، 2-قول موتسىكىلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

5›جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقسۇ شەھرى قۇمباش بازار ئىچىدىكى «چىڭفېڭ» ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ياڭ جىياۋۇنى ئالداپ، ئالدىن 500يۈەن تاپشۇرۇپ بىر دانە 5200يۈەن قىممىتىدىكى شاڭخەي جىيەن شې ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى سېتىۋېلىپ، 2-قول موتسىكلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.  

6› جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈزى بىلەن بىر كەنتلىك تايىر ئىمرەمزىنى زىيانلانغۇچى ياڭ جىياۋۇنىڭ ئاقسۇ شەھرى قۇمباش بازار ئىچىدىكى «چىڭفېڭ» ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى دۇكىنىغا باشلاپ بېرىپ تايىر ئىمرەمزىگە ئۆزى كېپىل بۇلۇپ ئالدىن 1000يۈەن تاپشۇرۇپ ، تايىر ئىمىرەمزىنىڭ نامىدا بىردانە 5400يۈەن قىممىتىدىكى شاڭخەي جىيەنشې ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئالدۇرۇپ، 2-قول موتسىكلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

7› جاۋاپكار مە XX قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تونۇشى ئوسمان تۇنيازنى زىيانلانغۇچى ياڭ جىياۋۇنىڭ ئاقسۇ شەھرى قۇمباش بازار ئىچىدىكى «چىڭفېڭ» ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى دۇكىنىغا باشلاپ بېرىپ ئوسمان تۇنيازغا ئۆزى كېپىل بۇلۇپ ئالدىن 500يۈەن تاپشۇرۇپ ، ئوسمان تۇنيازنىڭ نامىدا بىردانە 5400يۈەن قىممىتىدىكى شاڭخەي جىيەنشې ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئالدۇرۇپ، 2-قول موتسىكلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

8› جاۋاپكار مە    XX  قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى توپلۇق بازار ئىچىدىكى ئابدىۋېلى تۇرەكنىڭ موتسىكلىت سېتىش قۇراشتۇرۇش دۇكىنىدىن زىيانلانغۇچى ئابدۇۋېلى تۇرەكنى ئالداپ ، ئالدىن 1350يۈەن تاپشۇرۇپ بىر دانە 4350يۈەن قىممىتىدىكى ئوۋ جوڭ ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى سېتىۋېلىپ، 2-قول موتسىكىلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

9› جاۋاپكار مە    XX  قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىئۈزى بىلەن بىر كەنتلىك تايىر ئىمرەمزىنى توپلۇق بازار ئىچىدىكى ئابدىۋېلى تۇرەكنىڭ موتسىكلىت سېتىش قۇراشتۇرۇش دۇكىنىغا باشلاپ بېرىپ تايىر ئىمرەمزىگە ئۆزى كېپىل بۇلۇپ ئالدىن 800يۈەن تاپشۇرۇپ ، تايىر ئىمىرەمزىنىڭ نامىدا بىردانە 3500يۈەن قىممىتىدىكىئوۋ جوڭ ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى ئالدۇرۇپ، 2-قول موتسىكلىت سېتىش بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا نەق پۇلغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 4،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مە XX نىڭ شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل- مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق،ئالدامچىلىقجىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى6-ئاينىڭ15-كۈنى

   قۇشۇمچە:

 1.8پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،ئۈچ تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى.

 2. جاۋابكار ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top