ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 382 –نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار مە XX، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى XXX-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292819XXXX03759، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە XXX بازار ئۈستۈنكى XXX كەنت 3-گۇرۇپ 77-نۇمۇر، ئامانلىق قوغدىغۇچى، ماسسا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، 2020-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مە XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار مە XX 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 22:00 ئەتراپىدا، تۇرغۇن ئاخنىياز ۋە جۈرئەت(فامىلىسىنى بىلمەيدۇ)قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ، پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە، ئۆزىنىڭ ئاۋات ناھىيە شاڭتەي مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قۇيۇلغان 新NM26XX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىغا تۇرغۇن ئاخنىيازنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئاۋات ناھىيە خېبىڭ 1-ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە شىمالدىن-جەنۇبقا يۆلىنىشىدە ھەيدەپ، خېبىڭ 1-ئولتۇراق رايۇنى ئالدىغا كەلگەندە، يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈلۈپ جاۋاپكار مە XXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2593-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار مە XXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 155.21 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مە XXنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش : خانئايىم يۈسەن
ئەكبەرجان غۇپۇر
2020-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
قۇشۇمچە:
1› 8 پارچە ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تېلخېتى
2›بىر توپلام رازۋىتكا دىلوسى
2› تۆت دانە ئوپتىك دېسكا
2›جاۋاپكار ئائىلىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论