شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك چىقىش(2021) 9–نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652926XXXXXXXXXX، باي ناھىيە XXX بازىرى XX كەنت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى (2021) 64-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى مXX 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، باي ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گۇرۇپ تەۋەسىدىكى «XX چايخانىسى» دا دوستى XX بىلەن ھاراق ئىچىپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى 0:50 لەر ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ نامىدىكى ۋە ئىگىدارلىقىدىكى 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتومبىلغا ئايالى XX، بالىسى XXنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئاپتۇمبىلنى باي ناھيە ياقىرىق بازىرى XX كەنت 4-گۇرۇپ يول بۆلكىنى بويلاپ غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، باي ناھيە دۆلەت يولى XX-لىنيىگە چىقىپ، شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ تەخمىنەن 200 مېتىر ھەيدەپ مېڭىپ، باي ناھيە دۆلەت يولى XX-لىنيە XX كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپاتنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى (2020) 5882-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «XXنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا ئالكوگول بايقالدى، ھەر 100 مىللىلىتىر قاندىكى ئالكوگول مىقدارى 105.16 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- تارماق بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىدى، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى مXXنىڭ قېنىدىكى ئالكوگىل مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ھەيدەش ئارلىقى نىسپەتەن قىسقا، زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، جىنايى قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تۇنۇش پوزىتىسىيسى ياخشى، قىلمىشغا تۆۋە قىلىپ، پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مXXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 181-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا، ج خ ئىدارىسىغا بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدى.
2.ئەيىبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论