شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020)959-نومۇرلۇق
جاۋابكار نەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx65292419، ساۋاتسىز، دېھقان، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار نەxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 181-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار نەxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى تەخمىنەن سائەت 18:00لەر ئەتىراپىدا، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت xx-گۇرۇپتىكى ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئاندىن شايار ناھىيىلىك xx دوختۇرخانىسىغا بېرىش ئۆچۈن، ئۈيىگە توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ新 新Nxxxx -نۇمۇرلۇق، ئىككى چاقلىق، ئەرەنچە، قىزىل رەڭلىك، خاۋ جۆ ماركىلىق موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، بېيجىڭ ۋاقتى تەخمىنەن سائەت 22:10لار بولغاندا، شايار ناھىيە xx بازىرى xx يولى بىلەن xx كوچىسىىنىڭ كىسىشكەن تۆت كوچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار نەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 200 مىللىگىرام ئېتىل ئىسپىرت بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز: جاۋابكار نەxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، شۇڭا جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار نەمەتجان دانانىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار نەxxغا ئۈچ ئاي 10كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 6600 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: xxxx
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە بار.
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى » دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论