欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(木某某寻衅滋事、故意伤害案)

2021-09-23 尘埃 评论0

机密★1年

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                       توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك ( 2020) 9-نومۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى م**، ئەر، ئۇيغۇر، تۇلۇق  كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:650103****2839، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورنى:  نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى  :شىنجاڭ**  ناھىيە ** يولى **-نۇمۇر، كەسپى: ** خىزمەتچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان.

ئەيىبلەنمىگۈچى م** ئۆكتەملىك قىلىپ، چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن -2019يىلى -4ئاينىڭ -16كۈنى توقسۇن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەلىل-ئىسپات تۇلۇق ئەمەس دەپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارار قىلىنغان، -2019يىل -5ئاينىڭ 22-كۈنى قانۇن بويىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. -2019يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.

توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى م**نىڭ  قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى م**گە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە باشقا ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇرۇدۇق، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتىدىن يوللىغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان. توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتىدىن يوللىغان.2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆكتەملىك قىلىپ چىقىپ چاتاق چىقىرىش دىلوسىنى ەسقىقلەش ئورگخنى قايتۇرىۋېلىشنى قارار قىلغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :

2019-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى تاڭ سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:30لار ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى م**، ** ناھىيە ** يولى ** ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىكى «** كاۋاپخانىسى»دا ب**، بە**، ز**، ئې** قاتارلىقلار بىلەن بىللە بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن،  بىردەمدىن كىيىن ب** ئەيىبلەنمىگۈچى م**نى تارتىپ سىرتقا  ئېلىپ چىقىپ پاراڭلاشقاندا ئىتتىرىشىپ سوقۇشۇپ قالغان، ئەيىبلەنمىگۈچى م**، ب**نىڭ يۈز قىسمىغا بىر مۇشت ئۇرغان، بۇ چاغدا  زىيانلانغۇچى ب** ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشۈپ بېشى يول بويىدىكى پاسىل تاشقا تېگىپ زەخمىلەنگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ب** مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكى توغرىسىدا دىئاگنوز قۇيۇلغان، توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ب** زەخمىسىنى باھالاش ئارقىلىق 1-دەرىجىلىك يېنىك زەخمە دەپ بېكىتكەن.

دېلودا يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : 

نوپوس ئىسپاتلىقى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ باھالاش پىكرى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، سۈرەت، خەرىتىسى قاتارلىقلار بار.

دىمەك، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى م**نىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 234-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ(يىنىك زەخمە).لېكىن ئەيىپلەنمىگۈچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن زىياننى ئەسلىگگە كەلتۈرگەن، ھەم زىيانلانغۇچىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەن، ۋاستىسى قەبىھ قىلمىشى ئېغىر بولغان جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۆر بولغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، م**غا قارىتا ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىلدى. 

ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنامىنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 

ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا، مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنۇپ، ئەيىپلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنماي، بىۋاستە توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ.

                توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top