ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ش ت ت ئەيىبلىمەسلىك نومۇرى
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر****، ئەر، 19***ـ يىلى **ـ ئاينىڭ ***ـ كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 653021********2415، قىرغىز، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى.شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى **** يېزىسى ***** كەنتى**** يولى 0***ـ نومۇردا تۇرىدۇ، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن؛ قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ گۇمان قىلىنىپ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن، 2020ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلدى. ****، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر****نىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن، 2020ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
مەھكىمىمىزنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە:
2019ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر**** ئايالى بۇ****نىڭ قوشنىسى دى*** بىلەن تېلېفون ئالاقىسى بارلىقىنى بايقاپ، شۇ كۈنى كەچتە ئايالى بىلەن دى****نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، دى**** بىلەن ئايالى بۇ****غا بۇنىڭدىن كېيىن تېلېفون ئالاقىسى قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدىنامە يازغۇزغان. 2019ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى سائەت 13 لەردە، ئايالى بۇ****نىڭ يانفونىغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئايالى بۇ****دىن كىمنىڭ قانداق ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى سورىغان، بۇ*** ئۇچۇرنى كۆرۈپ، جىنايەت گۇماندارى ئىر****غا: دى**** يوللىغان ئۇچۇر ئىكەن، ئۇ ۋاقتىىڭ بولسا پاراڭلىشايلى دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ جىنايەت گۇماندارى دىل***** بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ بارغان. چۈش سائەت 14:30 دا تۈگۈرمىتى يېزىسىنىڭ كۈرە كەنتىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ مە**** بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن بىر سائەت ئىلگىرى ئايالىغا ئۇچۇر يوللىغان ـ يوللىمىغانلىقىنى سورىغاندا، مە****: مەن ئۇچۇر يوللىمىدىم، بىر سائەت ئىلگىرى دىلمۇرات تۇردى ھەسەن يانفونۇمنى سورىغان، ئۇ يوللىغان ئوخشايدۇ دېگەن. ئاندىن گۇماندار خۇڭۋېينىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئىچىملىك ئىچىۋاتقان دى*****نى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئايالىغا ئۇچۇر يوللىغان ـ يوللىمىغانلىقىنى سورىغاندا دىل****يوللىمىغانلىقىنى ئېيتقان، جىنايەت گۇماندارى: يوللىمىغان بولساڭ كەنتكە ياكى ساقچىخانىغا بېرىپ پاراڭلىشايلى دېگەن، دى****: مەن بارمايمەن، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلغىن دېگەن.شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى يانچۇقىدىكى قىزىل قاتلىما پىچاقنى چىقىرىپ دى***نىڭ سول پۇتى ۋە سول مۈرىسىنى يارىلاندۇرغان، دى***** قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر**** جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى نىڭ 234ـ ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بار: 1. جىنايەت گۇماندارى ئىر**** دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ ؛ 2. جىنايەت گۇماندارى ئىر**** بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قوشنا بولۇپ، ئىككىلا تەرەپ كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ؛ 3. جىنايەت گۇماندارى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتلەرنى تۆلەپ بولغان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن؛ 4. جىنايەت گۇماندارى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە يارىشىپ قالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلمايدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى نىڭ 67ـ ماددىسىنىڭ 1ـ تارمىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ 15ـ ماددىسى، 288ـ ماددىسى، 177ـ ماددىسىنىڭ 2ـ تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىش قارار قىلندى.
ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ20- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论