توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2020) 16 – نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى م**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****- يىلى**- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نومۇر2054 ********652925. تۇلۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ت** ناھىيە ئۆ** يېزا غ** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇر، ھازىرقى ئادىرسى: ت** ناھىيە ئۆ** يېزا قا**كەنىت **-گوروپ ***-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019- يىلى12- ئاينىڭ14- كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
زىيانلانغۇچى ر**(ئۈلۇپ كەتكەن)، ئايال،ئۇيغۇر، **ياش (****- يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمىرى،3029 ********652925 ، ت** ناھىيە ت** بازار بو**كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ق**مىنگەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغۇچى، ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمىرى 13999775540
بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىپلەنمىگۇچى م**نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى (2020) 68-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىپلەنمىگۇچى م** 2019- يىلى 09- ئاينىڭ 07- كۈنى سائەت 22 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، 新N2B623 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىلىق سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە شەرىقتىن غەرىپكە يۆلىنىش بويىچە يول يۈرۈپ، ھادىسە يۈزبەرگەن ئورۇن: دۆلەت يۇلى 314-لىنىيە 781 كىلومىتىر +150 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، شىمالدىن جەنۇپقا يۆلىنىش بۇيچە يولنى توغۇرسىغا كىسىپ ئۆتىۋاتقان ق**ئارقىغا ر**نى ئولتۇرغۇزۇپ مىنگەن ئىككى چاقلىق توكسىكلىت بىلەن سۇقۇلۇپ، ر** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي توقسۇ ناھىيىلك خەلق دوختۇرخانىسىدا قازا قىلغان، قاتناش ۋاسىتىسىدا ئىقتىسادى زىيان كۈرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان، م** سوراقتا ئۆزىنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى تولۇق تاپشۇرغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا: م** ئاساسلىق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقىنى ئۈسىتگە ئالىدۇ، ق**قۇشۇمچە مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ر** مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ مەسئۇلىيەت بېكىتكەن.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 2577- نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسىدا: 1.新N-2B326 نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ يۇرۇش ھالىتى لاياقەتلىك ؛ 2. 新N-2B326 نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن نۇمۇر تاختىسى يۇق شىنداجۇۋ بىنتىيەن ماركىلىق ئىككى چاقلىق تۇكسىكىلىتنىڭ سۇقۇلغان ئۇرۇن جەنۇپ شىمال يۇلىنىشىدىكى ئورنى، نەق مەيدان يۇل مەركىزى سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى يۇل بۇلىكىدە، شەرىق غەرىپ يۇلىنىشتىكى ئورنى نەق مەيدان يۇل يۇزىدىكى 新N-2B326 نۇمۇرلۇق ماشىنا چاقى سۇركەلگەندە قالدۇرغان ئۇرۇن ئەتراپىدا، 3. 新N-2B326 نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ يۇل قاتناش ھادىسىدىكى پەيىتلىك ماشىنا سۇرئىتى 49كىلۇمىتىر سائەت دىيىلگەن.
تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2019) 55-نۇمۇرلۇق قانۇن دۇختۇرلۇق ئىلمى بۇيىچە جەسەت تەكشۇرۇش باھالاشنامىدا: ئۆلگۇچى ر**نىڭ باش قىسمى زۇر بىسسسىز سىرىتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە (سۇقۇلۇش سىرىتقى كۇچى) نىڭ تەسىرىدە، مىڭڭە يۇمشاق تۇقۇلمىللىرى زەخمىلىنىپ، مىڭە ئىچىگە قاناپ، مىڭە زەخمىلىنىشتىن نەپەسلىنىش ئايلىنىش سېستىمىسى ئاجىزلاپ ئۆلگەن دىيىلگەن.
ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىپ تۇگەشكەن، ھۇكۇمەت گۇۋاھلىقتىن ئوتكۇزگەن.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: م**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرىسىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەم ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسى جىنايىتى شەكىلىندۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. بىراق م**نىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىغا ھەقىقىي توۋا قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، دىلونىڭ ھەق تەلەپ قىسمىدا ئۈلگۈچى تەرەپ ئائىلىسى بىلەن كىلىشىپ، كىلشىم ئىجرا قىلىنىپ تۈگۈشۈپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرى م**ئۈستىدىن ھەق-تەلەپ داۋاسى قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنى كەچۈرگەنلكىكىنى، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق، 290-ماددسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن م**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
زىيانلانغۇچى بۇ قاراغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرزى بىرىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا، ياكى ئىلتىماس ئەرزى بەرمەي تۇقسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ.
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论