欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某过失致人死亡案不起诉决定书)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك چىقىش(2020)2-نۇمۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، ئايال، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65292619، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، * ناھىيە ** بازىرى ** كەنت *-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشجىنايەت گۇمانى بىلەن 2018–يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019–يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (2019) 146-نومۇرلۇق ئەيبىلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سوئال سوراپ ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ، ئىككى قېتىم دېلونى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دېلونى قايتا يوللىغاندىن كىيىن، دېلودىكى دەلىل –ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى «2018-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى جىنايەت گۇماندارى ئا** سائەت 13:30 ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا مال ئېلىش ئۈچۈن تۇ**نىڭ دۇكىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، سەي-كۆكتاتنىڭ سۈپتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ، دۇكاننىڭ يېنىدىكى ناۋايخاندا ئۇن چۈشۈرۋاتقان يولدىشى ئى**نى چاقىرىپ سەينىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەسكەن، ئۆزىڭىز ئېلىڭ، دۇكانغا ئادەم كىرىپ كەتتى، مەن دۇكانغا كىرىپ تۇراي دەپ دۇكانغا كىرىپ كەتكەن. بىر ئازدىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى ئا** باشقىلار ئېلىپ كەلگەن مالنى دۇكانغا ئەكىرمەكچى بۇلۇپ، يولدىشى ئى** پىيادىلەر يول بويىغا توختۇتۇپ قويغان ****新N نۇمۇرلۇق ماشىنىنى يۆتكىۋىتىش ئۈچۈن ماشىنىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ماشىنا ئىچىدە ئاچقۇچ بارلىغىنى كۆرۈپ، ماشىنغا چىقىپ ماشىننى ئوت ئالدۇرۇپ، رولنى ئوڭغا بۇراپ ئالدىغا مېڭىشىغا ماشىننىڭ ئوتى ئۈچۈپ قالغان. جىنايەت گۇماندارى ئا**ماشىننى قايتا ئوت ئالدۇرۇپ ماڭاي دىيىشىگە، بىر كىچىك بالا ۋېلىسپىت مىنىپ ماشىنا  تەرەپكە قاراپ كەلگەن. بۇنى كۆرگەن جىنايەت گۇماندارى ئا**ماشىنىنى ئى** ئۆزى يۆتكۈسۇن دەپ ئويلاپ، ماشىننى توختىتىش ئۈچۈن تۇرمۇزنى دەسسىدىم دەپ ماي تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىگەن. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا مېڭىپ كېتىپ، ھ**نىڭ دۇكىنىنىڭ قېشىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئى**نى سۇقىۋەتكەن. جىنايەت گۇماندارى ئا** ماشىنىدىن چۈشۈپ، زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ يېنىچە ھالەتتە تامغا يۈلۈنۈپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ، قېشىغا بېرىپ يۆلىمەكچى بولغاندا، ھ** زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ بېشىدىن يۈلىگەن. بۇ چاغدا ئى**نىڭ بۇرنىدىن قان چىققان. باشقلار ئى***نى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن. نەتىنجىدە، ئى** دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن داۋالانغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۇنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ پاكىت بىكىتكەن.

مەھكىممىز تەكشۈرۈش ۋە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇش ئارقىلىق، باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىكىتكەن جىنايەت پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل–ئىسپات تۇللۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇۋالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇۋالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئىلتىماس قىلماي، باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسمۇ بولىدۇ.

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى

  ئەسكەرتىش:

  مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچىگە، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا، ج خ ئىدارىسىغا بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدۇ.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top